دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 30-ئاۋغۇست «خەلقئارا غايىب بولغانلار كۈنى» دە بايانات ئېلان قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن 30-ئاۋغۇست «خەلقئارا غايىب بولغانلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارانى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي قاراشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.08.30
ghayib-bolghan-uyghur-yardem-305.jpg ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن غايىب بولغان ئۇيغۇرلار.
RFA

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن خەلقئارا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنى سۈرۈشتۈرۈش كۈنى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 2099-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈش» ھەققىدىكى باياناتىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر غايىبلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باياناتتا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىدىن خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلىرى ھەم سودا مۇناسىۋىتىدە، 5-ئىيۇلدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىندى.

بۈگۈن خەلقئارا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنى سۈرۈشتۈرۈش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارانىڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىگە تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئۆز خىزمىتىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتچى دىلشات رىشىت سۆزىدە، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەم باشقا يوللار ئارقىلىق ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارانى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي قاراشقا چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىۋاتقان كونكرېت خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

دولقۇن ئەيسا سۆزىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، ھازىرغا قەدەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە 50 تىن ئارتۇق دېموكراتىك دۆلەتلەر ئەلچىخانىسىغا خەت يېزىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى 30 دىن ئارتۇق شۆبە تەشكىلاتنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس خەت يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۆبە تەشكىلاتلىرى بولمىغان ھىندونېزىيە، مالايشىيا قاتارلىق بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىشتا خىتاي ساقچىلىرى ھەم قوراللىق خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس سەھىپە ئاچقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان تەپسىلىي خەۋەرلەر 30 پارچىدىن ئاشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.