
گېرمانىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى، جۇرنالىست ۋە يازغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان 13 كىشىلىك بىر ھەيئەت 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، كونيا ۋە قەيسىرى شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
بۇ ھەيئەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجاننىڭ يېتەكلىشى بىلەن تۈركىيىگە كەلگەن بولۇپ، 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى قەيسىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
بۇلاردىن باشقا تۈركىيىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمغا بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ تەپسىلى خەۋىرىنى ئاڭلىغايسىز.