گېرمانىيىنىڭ بىر ئاممىۋى ھەيئىتى تۈركىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى


2007-06-06
Share

گېرمانىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ، 13 كىشىلىك بىر ھەيئېتى 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە تۈركىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. Photo by RFA / Erkin Tarim

گېرمانىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى، جۇرنالىست ۋە يازغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان 13 كىشىلىك بىر ھەيئەت 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، كونيا ۋە قەيسىرى شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

بۇ ھەيئەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجاننىڭ يېتەكلىشى بىلەن تۈركىيىگە كەلگەن بولۇپ، 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى قەيسىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

بۇلاردىن باشقا تۈركىيىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان.

گېرمانىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ، 13 كىشىلىك بىر ھەيئېتى 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە تۈركىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. Photo by RFA / Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمغا بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ تەپسىلى خەۋىرىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت