گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىدە 'ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش پىلانى' تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلغان

30 - ئاپرىل كۈنى سائەت 3 تىن 5 كىچە بولغان ئارىلىقتا گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى، دۇنيا كۈلتۈر مەركىزىدىكى "ئۇيغۇر سوپپورت گۇرۇپ" ئىشخانىسىدا، "ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش پىلانى" دېگەن تېمىدا مۇھاجىرلار جەمئىيەتلىرى ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.04.01
Gollandiye-Gheyret-Rozi-Igilik-tiklesh-yighinida-305.jpg 30 - ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ ﻛﯜﻧﻰ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺴﺘﯧﺮﺩﺍﻡ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻛﯜﻟﺘﯜﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻮﭘﭙﻮﺭﺕ ﮔﯘﺭﯗﭖ" ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ، "ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ ﭘﯩﻼﻧﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﺎﺟﯩﺮﻻﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻮﭘﭙﻮﺭﺕ ﮔﯘﺭﯗﭖ" ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ يىغىندا جەمئىيەت باشلىقلىرى، ئامستېردامدىكى دۆلەتنىڭ ئاز مىقداردا ئۆسۈمسىز قەرز بېرىپ تۇرۇش سىياسىتىنى قانداق قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش ئىش تاپالماي ئىشسىز قالغانلارغا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىك تىكلەشنى خالىغان كىشىلەرگە بۇ پۇلنى قانداق ئېلىشنى ئۆگىنىش ۋە قەرز ئېلىش جەريانىدىكى رەسمىيەتلەرنى ئاسانلاشتۇرۇش ھەم ئۇلارغا خالىسانە ياردەم قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئۇ يىغىنغا ئامستېردامدىكى قەرز بېرىش ئىدارىسىدىن ماشا تروممەئە خانىم بىلەن ئالەخا دۇلىل خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان. قەرز ئالغۇچىلار بولسا ئىككى تەرەپنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پىلانلىرى بار كىشىلەرگە قانۇنىي ئاساستا 5000 ياۋرودىن 25000 ياۋروغىچە قەرز بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.