قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە ھەققىدە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاس
قەشقەر شەھىرىدىن مەلۇم بىر ئۇيغۇر، ھازىر شۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان يۇرتدېشى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى بايان قىلغان. بۇ ئۇيغۇر دۇنيادىن قانۇنىي ياردەم سورايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ نامى ۋە ئاۋازىنى ھازىرچە رادىئودا بېرىشنى خالىمايدىكەن.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ 2 - ۋە 9 - ئەترىتىدىن مەمەت تۇرسۇن ۋە قۇربانجان دېگەن ئىككى دىنىي زاتنى 'دىننى تەشۋىق قىلدىڭ' دەپ ساقچىلار تۇتۇپ كېتىپ، بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، يەنە بىرىنى قاتتىق زەخمىلەندۈرۈپ ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.
ئۆز يۇرتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى بايان قىلغان بۇ كىشى 'قەشقەر دېگەن تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۆزىمىز ياشاپ كەلگەن بۇ زېمىندا، ھازىر ئۆزىمىزدە گەپ قىلىدىغانغا ئېغىز، مىدىرلىغىلى زېمىن يوق ' دەپ دەرت ئېيتقان.
ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن تېلېفون ئارقىلىق بايان قىلىنغان بۇ ۋەقەلىكتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋە مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلىپ ۋەقەنى ئېنىقلاشقا تىرىشتۇق. قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەت تېلېفونى دەپ ئېلان قىلىنغان 9982823386 دېگەن نومۇرىدىن پەقەت تىجارەت ئېلانى چىقتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، تېلېفون نومۇرى سوراش ئىستانسىسىدىن ئېيتىپ بەرگەن نومۇر دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ ساقچىخانىسى بولماي، بەلكى توقۇمىچىلىق فابرىكىسى ساقچىخانىسى بولۇپ چىقتى. بۇ ساقچىخانىدىكىلەر تېلېفوننى ئالدى، دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ ساقچىخانىسىدىن سورىشىمىز لازىملىقىنى بايان قىلدى. دۆلەتباغ ساقچىخانىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بىلىش ئۈچۈن يەنە نومۇر سوراش ئىستانسىسىدىن قايتا سورىساق، بىزگە تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەرمەي تېلېفوننى ئۈزىۋەتتى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان "ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دوكلاتى" غا ئىنكاس قايتۇردى
- خىتاي مىللىي كەمسىتىش ئامېرىكىدا ئېغىر دېدى، ئۆزىدىچۇ ؟
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسى دوكلاتى ئېلان قىلدى
- كانادادا كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرى خاتىرە مۇنارىسى تىكلىنىدۇ
- خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەنپەئەت كۈرىشى
- د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت 'شىنجاڭ' نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى
- جورج بۇش ئولىمپىك مۇراسىمىغا بارغاندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
- ئولىمپىك ھەقىقەتەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولدىمۇ؟
- ئۈزۈلۈپ قالغان خىتاي - ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى قايتىدىن باشلانماقچى
- رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ 2007 - يىلقى ئەھۋالىنى تەنقىد قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'شەھۋانىي ئۈن - سىن مەھسۇلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش' ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئىجرا قىلىنىشى ئۆزگىچە
- تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر دىيارىدا قۇربان ھېيت ئۆتكۈزدى
- ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى (2)
- ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى تەييارلاش قارارى ماقۇللانغان