ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: «ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال سىياسىي ھوقۇققا ئېرىشىشى كېرەك»

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىغا ئېرىشمىگۈچە ئۆز زېمىنىدىكى بايلىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەشقەر كونا شەھەر كوچىلىرى.
قەشقەر كونا شەھەر كوچىلىرى.
RFA Photo

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى 592 نامرات ناھىيىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ئېلىدىن 27 ناھىيە خىتايدىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان نامرات ناھىيىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، سېرك توپا، مىس قاتارلىق كان بايلىقلىرى، پاختا، كەندىر، مېۋە قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، ئورمان زاپىسى قاتارلىقلار بىلەن بايلىق ماكانى دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنىلا 27 ناھىيىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات ناھىيىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 19-مارت كۈنى ئېلان قىلغان 2012-يىللىق نامرات ناھىيىلەر تىزىملىكىگە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 27 ناھىيە كىرگۈزۈلگەن. بۇ نىسبەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى ناھىيىلەرنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، يەر ئاستى يەر ئۈستى بايلىقلىرى بىلەن خىتايدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ بايلىق ماكانى دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا نامرات ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت مەركىزى بولۇپ كەلمەكتە.

شۋېتسىيىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پەرھات ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نامرات ھالەتتە قېلىشىنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، ئۆز زېمىنىدىكى بايلىققا ئۆزى ئىگە بولالمايۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پەرھات ئەپەندى ئۆز بايانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىققا يۈزلىنىشىدە ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئومۇمنىڭ مۈلكى قىلىش نامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرىغا تەقسىملەپ بېرىشى سەۋەبلىك، بۇ زېمىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىققا يۈزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پەرھات ئەپەندى ماتېرىياللاردا ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسى خىتاي بويىچە 7-ئورۇندا ئىدى. 50-60 يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى خىتايدا ھاللىق سەۋىيىدە دەپ ئېلان قىلىنغان. ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 60-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ بۇ زېمىندا ‹ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى› نامىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۈركۈملەپ كۆچۈرۈشى سەۋەبىدىن، رايوندىكى مۇنبەت زېمىنلار خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىندى. شۇنداقلا ئەينى يىللىرى خىتايدا ئومۇميۈزلۈك يۈرگۈزۈلگەن ‹خەلق كوممۇنىسى› نامىدا شەخسلەرنىڭ يەرلىرى ھەم مال-مۈلۈكلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك مۇھىتى بارغانچە تارىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى سالمىقىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى نامرات ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا.»

پەرھات ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتايدا ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىسلاھاتنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى، خىتاي ئۆلكىلىرى ھەم ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىق ئۈستىدە ياشاپ تۇرۇقلۇق ئۆز زېمىنىدىكى بايلىققا ئېرىشەلمەي نامرات ھالەتتە قالدۇرۇلغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ قاتتىق ئېزىلىشكە ئۇچراپ، ھەتتا دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت ھەم تىل جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پەرھات ئەپەندى مۇنداق دېدى:
‏«خىتاي ھۆكۈمىتى 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى يولغا قويدى. ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا ‹غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى› نامىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى خىتاينىڭ شەرقتىكى رايونلىرىغا يۆتكەش، يەنىمۇ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى. يەرلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى نامراتلىقنى تۈگىتىش نامىدا،ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكەلدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق، نامراتلىق مەسىلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش سەۋەبىدىن ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى› ۋەقەسى يۈز بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن كېيىن رايوننىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ۋەدە بەردى. ئەمما سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئۇيغۇرلار يەنىلا نامرات ھالەتتە قالماقتا.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يېڭى سىياسەت بەلگىلەپ، رايوندىكى خەلقنىڭ ئىقتىسادى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رايوندا يەنىلا 27 ناھىيىنىڭ نامراتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى، شەرقىي تۈركىستاندىكى تەرەققىيات ھەم بايلىقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم كۆچمەن خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ بىردىن-بىر شەرتى، ئۇيغۇرلار ئاۋۋال ئۆزىنىڭ سىياسىي ھەق-ھوقۇقىغا ئېرىشىشى، بۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي خوجايىنىغا ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت