مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى تەكشىسىزلىكنى تەنقىد قىلدى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئېلان «كۆك تاشلىق كىتابى» دا 2012-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئىككى خانىلىق سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە تەرەققىيات سەۋىيىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-12-17
Share
bugurdiki-nefit-305.jpg ئۇيغۇر ئېلى بۈگۈر ناھىيىسىدە قېزىلىۋاتقان نېفىت.
RFA

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان «كۆك تاشلىق كىتاب»تا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2012-يىلدىكى ئىقتىسادى-ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى مۇلاھىزە قىلىنىپ، 2013-يىلدىكى ئەھۋالى ھەققىدە پەرەز ۋە قىياسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «كۆك تاشلىق كىتاب»تا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 3 مەۋسۇمىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 11.5 پىرسەنت ئاشقان.

بۇ خىتاينىڭ ئوخشاش مەزگىل ئىچىدىكى مەملىكەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن 8.3 پىرسەنت ئارتۇق دېگەنلىكتۇر. خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى 5.7 پىرسەنت.

«كۆك تاشلىق كىتاب»تا، كېلەر يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 12% ئاشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. رايوندىكى شەھەر-بازار ۋە يېزا-كەنت پۇقرالىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى داۋاملىق ئېشىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇ يىل شەھەر-بازار پۇقرالىرىنىڭ كىرىمى 12957 سومغا يېتىپ، 1.14 پىرسەنت ئاشقانلىقى، يېزا-كەنت پۇقرالىرىنىڭ كىرىمى 5151 سومغا يېتىپ، 5.19 پىرسەنت كۆپەيگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بىراق «كۆك تاشلىق كىتاب» تا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم تېز ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىقتىسادتىكى بۇ خىل تەرەققىياتتا قانداق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار بارات ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بايلىق تەقسىماتى ۋە كىرىم پەرقى چوڭىيىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بۇ خىل پەرق داۋاملىق چوڭايسا، مىللىي زىددىيەت ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈرلىشىدۇ.

«كۆك تاشلىق كىتاب» تا، ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتىدىكى بۇ خىل تېزلىكنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشكە باغلاپ چۈشەندۈرۈلگەن.

ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشى بۇرۇنقى نېفىت ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادى قۇرۇلما ئۆزگىرىپ، ھازىرقى كۆمۈر بايلىقى ۋە كۆمۈر ئېلېكتر ئېنېرگىيە سانائىتىنى ئالغا سۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك، مەبلەغ ۋە پۇل قەرز بېرىش، كۆچمەس مۈلۈككە كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بىراق، دوكتور قاھار بارات، بۇ خىل ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە پايدىلىق بولۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپلەپ كېلىپ رايونغا ئولتۇراقلىشىشىغا ئىمكانىيەت ياراتسىمۇ، بىراق ئۇزۇن مەزگىلدە چىرىكلىك، مۇھىت ۋەيرانچىلىقى قاتارلىق ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 2010-يىلى 5-ئايدا «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» چاقىرىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىتىدە بەزى ئىستراتېگىيىلىك تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار بۇ يىغىندىن نۇرغۇن ئۈمىد كۈتكەن بولسىمۇ، بىراق بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئۇلارنى يەنە ئۈمىدسىزلىككە ئۇچراتقان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىچكىرىدىكى 19 ئۆلكە-شەھەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلەتكەن، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي، سىياسىي تەلەپ ۋە ئېھتىياجلىرىغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن.

«كۆك تاشلىق» كىتابتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت، ئاساسى قاتلام مۇلازىمەت خىزمىتى زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىنىپ، بىراق جايلار ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى تەرەققىيات پەرقى قىسقارمايۋاتقانلىقى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ راۋاجلىنالمايۋاتقانلىقى، ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنىڭ قالاق، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى، ھەل قىلىشنى كۈتۈۋاتقان زور ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاتالمىش رادىكال دىنىي ئىدىيىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە تارقىلىشى پۈتۈنلەي توسۇپ بولۇنمىغانلىقى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر داۋاملىق جىددىي رىقابەت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەنگەن.

دوكتور قاھار بارات، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى چەكلەپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ كېلىۋاتقانلىقى، دىنىي پائالىيەتلەرنى تەھدىت، دەپ چەكلەۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 1999-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى‏-ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ھەققىدە «كۆك تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ يىللىق كۆك تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مالىيە، پۇل -مۇئامىلە، سودا، مال باھاسى، ئېنېرگىيە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، خەلق تۇرمۇشى، سەھىيە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، باي-كەمبەغەللىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالى ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلگەن.

دۈشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق تۆمۈر باشچىلىق قىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت