تۈركىيىدە ئۇيغۇر ئىزلىرى (2)

ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قۇرۇلغان ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدە ئەراتنا دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالائىددىن ئەراتنا تەرىپىدىن 1339 - يىلى ياسىتىلغان ساراي مەدرىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.09.07
Turkiye-Anatolu-Bunyan-ulug-jamisi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﻴﺎﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﻧﻴﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯜﺯﯛﻧﺪﻩ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﻠﺨﺎﻧﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﻪ ﯞﺍﻟﯩﺴﻰ، ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺯﺍﻫﯩﺮﯨﺪﺩﯨﻦ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ 1334 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭ ﻗﺎﺭﺍﺑﯘﻟﯘ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻛﺎﻟﯘﻳﺎﻥ ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﯩﮕﻪﻥ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا قەيسەرىنىڭ بۇنيان ناھىيىسىدىكى بۈنيان ئۇلۇغ جامەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز. بۇ مەسچىتنى ئىلخانلار دۆلىتىنىڭ ئاناتولىيە ۋالىسى، ئەسلى ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان زاھىرىددىن مەخمۇت 1334 - يىلى سالدۇرغان. بۇ مەسچىتنى بىناكار قارابۇلۇ ئوغلى كالۇيان لايىھىلىگەن.
Turkiye-Anatolu-Bunyan-ulug-jamisi-Abdulqadir-tumturk-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﻴﺎﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ 1334 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯜﻧﻴﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻫﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻘﺎﺩﯨﺮ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
RFA Photo / Erkin Tarim

مەسچىتنىڭ تاملىرى بۆرە بېشىنىڭ رەسىملىرى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇرلارغا خاس بىناكارلىق سەنئىتى ئىكەن. بۈنيان، قەيسەرى شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، قەيسەرى شەھىرىگە قىرىق كىلومېتر كېلىدۇ.

بۈنيان 13 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بىر كىچىك ناھىيە بولۇپ، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئىزلىرى ئەڭ كۆپ بولغان جايلارنىڭ بىرىدۇر.

بىز بۇ مەسچىت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەيسەرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تارىخ ھەۋەسكارى ئابدۇلقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.