كەشمىر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى

0:00 / 0:00

يېقىندا كەشمىردىكى " كەشمىر ھىرالد" خەۋەر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، كەشمىردىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى مۇلاھىزە قىلىنغان.

" قاراقۇرۇم: قارشىلىق ھەرىكەتلەر رايونى" سەرلەۋھىلىك بو ماقالىدە كەشمىر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە ئوخشىماسلىقلار تەھىلىل قىلىنغان.

ماقالىنىڭ مەزمۇنى

كەشمىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق دىرېكتورى ن. ك. پاندىتا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، كەشمىر ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ، بەزى جەھەتلەردىن ئوخشاش بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان جەھەتلەردىن پەرقلىق ئىكەنلىكى، ھەر ئىككى رايون خەلقىنىڭ ئاساسەن مۇسۇلمان ۋە سۈننىي ئىكەنلىكى، كەشمىر خەلقىنىڭ ھىندىستاننىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئاپتورنىڭ ماقالىسىدە ئېيتىشىچە، ھەر ئىككى رايوندىكى مۇستەقىلچىلار، ئۆز مەقسەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىسلامچىلار ياقلايدىغان ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ئىشلەتمەكتە ھەمدە ھەر ئىككى رايون خەلقى نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ياردىمىنى كۈتمەكتە ئىكەن.

كەشمىر ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرى

ماقالىسىدە، كەشمىر ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان پاندىتا مۇنداق دەيدۇ ": كەشمىر ئىككى دۆلەت يەنە پاكىستان ۋە ھىندىستاننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاستىدا بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن جۇغراپىيىلىك ، تارىخىي، دىنىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. كەشمىردىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ئاساسەن ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلغان. بۇلارنىڭ بىرى كەشمىرنى ھىندسىتاندىن ئايرىپ، پاكىستانغا قوشۇشنى ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرىقى نىشانى قىلىپ بېكىتكەن. ئىككىنچى گۇرۇپپا بولسا، كەشمىرنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا".

كەشمىردىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرىكەتتىن يەنە بىر پەرىلىق تەرىپى ، ‏- دەيدۇ ئاپتۇر ماقالىسدە، ‏- كەشمىرنىڭ ھىندىستاننىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى قىسمىدىكى خەلق يېرىم ئەسىردىن بېرى دېموكراتىيىنىڭ پەزىلەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، ئۇيغۇر خەلقى راھەتلىكتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ياشىماقتا. ئەمما كەشمىردىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ھىندىستاننىڭ بەختىگە ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر-بىرىنىڭ يىلتىزىنى قىرقىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆكتىچىلەر ۋە مىللەتچىلەر ھەر دائىم مىللىي مەسىلىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا."

لېكىن دەيدۇ ن. ك. پاندىتا " كەشمىر ئاۋانگاردى" تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، كەشمىر ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق پەرق، خىتاي ۋە ھىندىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

خىتاي ۋە ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ تۇتقان ئوخشىمىغان سىياسىتى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ باش كۆتۈرىدىغانلىقىنى 1960‏-يىللارنىڭ باشلىرىدا سېزىشكە باشلىغان.

خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى، ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىماي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دېموگرافېك تۈزۈلىشىنى ئۆزگەرتىش سىياستىنى يولغا قويغان. بۇ سىياسەتنىڭ نەتىجىسىدە % 5 گە يەتمىگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى 1980‏-يىللاردا % 40 گە يەتكەن. گەرچە ھىندىستان كەشمىردە ئوخشاش بىر سىياسەت يولغا قويۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، ئەمما ھنىدىستاندىكى دېموكراتىك تۈزۈم بۇ سىياسەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە يول قويمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى، ئۇيغۇر ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ تېز ئالدىنى ئېلىشىدا، ‏- دەيدۇ ئاپتۇر ماقالىسدە ،‏- پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن جىھاد ھەرىكىتى باشلىشىغا يول قويمىغانلىقى مۇھىم رول ئوينىغان. پاكىستان ۋە خىتاينىڭ يېقىن دوست ۋە ئىتتىپاقداش ئىككى دۆلەت بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.

ئاپتۇر، كەشمىردىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ھەرىكەت ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر چوڭ ئوخشىماسلىقنىڭ، خىتاي ۋە ھىندىىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتا تۇتقان پەرقلىق مۇئامىلىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىلچىلىرىغا قارىتا قاتتىق سىياسەت قوللىنىپ ئۇلارنى قاتتىق جازالىغان بولسا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى كەشمىر مىللىي مۇستەقىللىق پائالىيەتچىلىرىگە قارشى يۇمشاق مۇئامىلە قىلغان.

ئىككى خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق دەيدۇ پاندىتا " كەشمىر ئاۋانگاردى" تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسدە، ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە شەكىللەنگەن بولۇپ ئاساسلىق مەنبەسى ئۇيغۇر ئېلىدە. لېكىن كەشمىر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يىلتىزى ۋە ئاساسلىق مەنبەسى كەشمىرنىڭ سىرتىدا. (ئۆمەر قانات)