"ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىملىكى، قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە"

0:00 / 0:00

شۋېد تىلىدا چىقىدىغان 4 - دۇنيا ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىدا "ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىملىكى قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە" دېگەن ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملىرىنى ئۆز تەتقىقاتىنىڭ ئاساسى نۇقتىسى قىلغان پېر ئېڭىستىرۆم ئەپەندى يازغان بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ۋە يېزىلارنى 3 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئايلىنىپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن كۈنلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە شۇ ئاساستا " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇربانلىق قويى ئۇيغۇرلار " دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ شىۋېتسىيىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قىزىقىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى.

قەشقەر رايونىدا 50 نەچچە كۈن زىيارەت

پېر ئېڭىستىرۆم ئەپەندى بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدە قەشقەر رايونى مەركەز قىلىپ 50 نەچچە كۈن زىيارەتتە بولغان بولۇپ،بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ماقالە قىلىپ يېزىپ چىققان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى يىلدىن يىلغا ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي كىملىكىدىن ۋاز كەچتۈرۈش خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارىسىدىكى كۆرۈنمەس كەسكىن توقۇنۇشقا ئايلانغان.

باغدات بۇ يەرگە بېيجىڭغا قارىغاندا كۆپ يېقىن تۇرىدۇ

ئاپتور ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "يىپەك يولىغا جايلاشقان بۇ قەدىمى شەھەر قەشقەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، بېيجىڭدىن 4 مىڭ كىلومېتىر يىراققا جايلاشقان. باغدات بۇ يەرگە بېيجىڭغا قارىغاندا كۆپ يېقىن تۇرىدۇ."

"قەشقەر شەھرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان قايناق سودا شەھەرچىسى ئادەمگە يۈز يىل ئىلگىرى ۋاقىتنى ئەسلىتىدىغان قول -ھۈنەرۋەنچىلىك يايما دۇكانلىرى بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرى چاقتۇرۇشى بىلەن خارابىگە ئايلانغان ۋە بۇ جايغا خىتايچە ئۇسلۇبتىكى زامانىۋى بىنالار سېلىنىپ،خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ساتىراشخانىلىرى، بەدەن ئۇۋۇلاشخانلىرى، ئاشخانىلىرى ئىگىلىگەن بۇ جاي خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي بېسىمىنى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆگەنگىلى بارغان مەندەك بىر تەتقىقاتچىغا ياخشى بىر سېلىشتۇرمىنى كۆرسىتىپ بەردى."

"ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا خىتاينىڭ مەخپىي ساقچىلىرى ۋە ئىشپىيونلىرى يامرىغان"

"ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە خىتاينىڭ مەخپىي ساقچىلىرى ۋە ئىشپىيونلىرى يامرىغان. مەن قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشپىيونلىرى ۋە مەخپىي ساقچىلىرى ھەممە يەردە تىمىسقىلاپ يۈرىدىكەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ بىنورمال سۆز ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى ئۈچۈن ھەر دائىم پايلاپ يۈرىدىكەن. مەن قەشقەرگە بېرىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن مېنىڭ ئارقامغىمۇ خىتاي ئىشپىيونلىرىنىڭ چۈشكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ھەتتا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تېررورلۇق ھۇجۇمىغىمۇ ئۇچرىدىم."

"مەن قەشقەردە ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ مەن بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقىتلىرىدا خۇددى تارازىدا ئالتۇن تارتقاندەك ھەربىر ئېغىر سۆزىنى شۇنچىلىك ئېھتىيات بىلەن ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. مەن ئۇچراشقان نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ' بىر چەتئەللىك بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئۈچۈن' ھاياتلىرى زور خەۋپكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ ئەمما ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىنى چەت ئەلگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى."

"ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قارىشىچە تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوخشاش تەقدىردە بولسىمۇ بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشى تىبەتلىكلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق ئىكەن،چۈنكى تىبەتلىكلەرنىڭ ئەھۋالىنى دالاي لاما دۇنياغا ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۇيغۇرلاردەك تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىن قاتتىق باستۇرۇشقا دۇچ كەلمىگەن، بىراق، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىبارەت بۇ پىنھان زېمىن تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ -زارى دۇنيا خەلقىگە يىتىپ بارالمىغان ئىكەن."

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى "جۇڭخۇا مىللىتى"دەپ ئاتاشقا زورلىدى

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ 30 ۋە 40 يىللاردا قۇرۇغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە، يەنى 1949 ‏- يىلى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسىنىڭ %5 ئەتراپىدا بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە كۆپىيىپ %50 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنىمۇ قىستۇرما قىلىپ ئۆتكەن. ئاپتورنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات ئوبيېكتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە دۇچ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىكى كىملىك مەسىلىسى بولۇپ، ماقالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتكە بېغىشلىغان.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى كونترول قىلىشى تېخىمۇ كۈچەيدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەسچىتلەرگە بېرىشىنى،دىنىي ئىبادەتلەرگە قاتنىشىشىنى قاتتىق چەكلىدى، ئۇلارنى خىتايچە ئۆگىنىشكە،خىتاي مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلىشقا، ئۆزلىرىنى "جۇڭخۇا مىللىتى"دەپ ئاتاشقا زورلىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىتىنى مەكتەپلەردىن تارتىپ ئىش ئورۇنلىرىغىچە مەجبۇرى يۈرگۈزدى. ئاپتور بۇ سۆزلەرنى بىرقانچە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئاڭلىغانلىقىنى يازىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۆزى قەشقەردە ئۇچراشقان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.

"بىز مەكتەپلەردە ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىشقا ھوقۇقىمىز يوق، مەسچىتلەرگە بېرىشىمىزنى چەكلەيدۇ، رامىزان ئايلىرىدا چۈشلۈك تاماقتا مەجبۇرى تاماق يېگۈزىدۇ. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كەچتۈرۈۋاتقانلىقىنى خورلۇق ھېس قىلىپ مەكتەپلەرنى تەرك ئېتىۋاتىدۇ، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپلەر 'ئۇيغۇرلۇق ئېڭى كۈچلۈك' دەپ مەجبۇرى مەكتەپتىن چېكىندۈرىۋاتىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىز خىزمەت تېپىش ئۈچۈن مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرى ھازىر ناھايىتى قاتتىق تاللاشقا دۇچ كەلدى."

خىتاي مىللەتچىلىكى يىلدىن - يىلغا باش كۆتۈرگەن

ئاپتور ماقالىسىنى يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە نامرات ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋە قايناق بازارلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان زامانىۋى بىنالاردا ئولتۇرغان باي خىتايلارنىڭ شەھەر بۆلەكلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەن بىر قانچە ئەمگەك بازارلىرىدىن ئەمگەكچىلەرنى ئىشلەتكۈچى ئورگانلار تەرىپىدىن چىقارغان 'بىز پەقەت خەنزۇ ئالىمىز' دېگەن خىتاي مىللەتچىلىكى چىقىپ تۇرغان ئىشقا قۇبۇل قىلىش ئېلانلىرىنى كۆردۈم. مەن خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئوچۇق -ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم."

"ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكا ئورگانلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە 2005 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %75 دىن ئاشقان بولسا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى %10 گىمۇ يەتمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق مىللەتچىلىك سىياسىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي كىمىلىكنىڭ ئاچا يولىدا قاتتىق تاللاشقا دۇچار قىلغان. ئۇيغۇر ياشلىرى مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلغان خىتاي تىلىدا سۆزلەيدىغان،دىنغا ئىشەنمەيدىغان،كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى كۆرىدىغان ئۇيغۇر بولۇش يولى بىلەن ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىگە ۋە دىنىي ئېتىقادىغا سادىق ئۇيغۇر بولۇش يولى ئالدىدا گاڭگىرىماقتا."

"مەن قەشقەردىن ئايرىلىش ئالدىدا مېنى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرى 'سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاشۇ ئەركىن، پاراۋان دۆلىتىڭگە قايتقان ۋاقتىڭدا بىزنى ۋە بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالمىغىن، ئۇيغۇرلارنى، بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى ئۇ يەردىكىلەرگە تەسۋىرلەپ بەرگىن، سېنىڭ قايتىپ كېلىشىڭنى قارشى ئالىمىز' دېگەن ئىدى. مەن كۆزلىرىمگە ياش ئالغان ھالدا مەن سىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن دەپ ئۆز -ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن ئىدىم،" دەيدۇ ئاپتور ماقالىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ.(يالقۇن)