ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى (1)

ئۇيغۇرلارنىڭ كىنوچىلىق بىلەن تونۇشۇشى 1920 - يىللاردا ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ ئاۋازسىز كىنولارنى ئەكىرىپ قويۇشى بىلەن باشلانغان. ئۇ يىللاردا خەلق ئارىسىدا "رەخ ئويۇنى" ۋە "شەيتان رەسىمى" دەپ ئاتالغان كىنوچىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ ئۇلارغا زور بىر يېڭىلىق ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.04.15
Boriler-Wadisi-Sh-Turkistan-305 ﻧﯩﺪﺍ ﺳﺘﯘﺩﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ " ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪﯨﻲ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

1930 - يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ " فىرونتتىكى سولدات"، "چاپايېۋ" قاتارلىق كىنولىرىنىڭ كۆرسىتىلىشى بىلەن ھەرزامان يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان ئۇيغۇرلاردىن بەزى تىجارەتچىلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدا كىنو تېخنىكىسىنى تارقىتىپ ئۆز ئالدىغا كىنو ستۇدىيولىرى قۇرغان ئىكەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىملەر ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ فىلىملەر ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان كىنوخانىلاردا خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىكەن. ئەمما ئەپسۇسكى بۇ كىنو ستۇدىيىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ  1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرىشى بىلەن تاقىلىپ كەتكەن. ھەر ۋاقىت يېڭىلىققا تەلپۈنىدىغان ۋە يېڭىلىقنى ئىتتىك قوبۇل قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆز قولى بىلەن ياراتقان ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ دەسلەپكى بىخلىرى مانا مۇشۇنداق قۇرۇتۇلغان ئىدى.

1952 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان شىنجاڭ كىنو ستۇدىيىسى 1962 - يىلى تاقىۋېتىلىشىغىچە بولغان بۇ ئارىلىقتا "ئانارخان"، "بوستانلىقتىكى تەنتەنە "، "ئىككى ئەۋلاد" قاتارلىق كىنولارنى ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ بۇ كىنولارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە تاقالغان بۇ كىنو ستۇدىيىسى 1979 - يىلىدا تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ ئۇ ئىلگىرى كېيىن " غېرىپ - سەنەم"، "ئارتىس بولمايدىغان قىز"، "سىرلىق كارۋان"، "رەنانىڭ تويى" قاتارلىق بىر قىسىم نادىر فىلىملەرنى ئىشلەپ چىقارغان. مۇتەخخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ كىنولارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەپ 80 - يىللاردا خىتايدا يۈرگۈزۈلگەن ئېچىۋىتىش سىياسىتى نەتىجىسىدىن ئىبارەت.

ئۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، تىل - يېزىق، مەدەنىيىتىگە دائىر نۇرغۇن كىتاب ۋە ماتېرىياللار نەشىر قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدىمۇ مانا يۇقىرىدىكىدەك نادىر فىلىملەر بارلىققا كەلگەن ئىدى.

گوللاندىيىدە قۇرۇلغان "ئەرك ستۇدىيىسى "نىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ كىنولار ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلمەيلا قالماي بەلكى نەپرىتىنى قوزغىغان بولۇپ، تۇرپاندىكى شاتلىق فىلىمىدە ئاتالمىش ئىسلاھات ئېچىۋىتىش سىياسىتىدىن كېيىن دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى سايىسىدە بېيىغان دېھقانلار ۋە ئۇلارنىڭ خوشال - خورام تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسا ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى دېھقانلارنىڭ ئەھۋالى ھەرگىزمۇ كىنودا تەسۋىرلەنگىنىدەك باياشاتچىلىق ئىچىدە ئەمەس، ئەكسىچە ئىنتايىن قېيىن ئەھۋالدا ئىكەن. بۇنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن قىلچىلىكمۇ ئالاقىسى يوق ئىكەن.

كىنو - تېلېۋىزىيە رىيالىقنى، تارىخنى ھەقىقى يوسۇندا ئەكس ئەتتۈرگەندىلا ئاندىن قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلاردا كىنو - تېلېۋىزىيە مەدەنىيىتى ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى ئىقبال تۇرسۇننىڭ يېزىشىچە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر كىنوچىلىقى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە بولسا سىياسەتنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىپ تارىخى ھەقىقەتنى ۋە ۋەقەلىكلەرنى ھەقىقى يوسۇندا بېرەلمەسلىك، ئىكەن. ئۇنىڭ كىتابىدا بايان قىلىشىچە 90 - يىللاردىن كېيىن سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاياقلىشىشى نەتىجىسىدە ئارقا - ئارقىدىن بىر قىسىم مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىلگىرىكى بەزى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغان.

بۇ خىل سىياسەت كىنو سەنئىتىدىمۇ ئۆزىنى ئاشكارە قىلغان بولۇپ ئۇ يىللاردىن كېيىن ئىشلەنگەن فىلىملەر تامامەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى كەمسىتىش، قۇرۇق سىياسى شۇئاردىنلا ئىبارەت بولغان بىر پارچە ئەخلەت دۆۋىسى بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ئاستا - ئاستا ئۆز تاماشىبىنلىرىنى يوقىتىشقا باشلىغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.