ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنى «ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوللانمىسى» نى ئېلان قىلدى

يېقىندا بېيجىڭدىكى ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ۋە قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم قىلىش مەقىسىتدە «ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوللانمىسى» ناملىق بىر كىتابچە ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.09.07


45 بەتتىن تەركىب تاپقان بۇ كىتابچىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنغا ئاساسەن ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى ۋە تەلەپ قىلىشىغا پايدىلىق بولغان ئالاقىدار دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق قانۇن - ماددىلار بېرىلگەن.

بېيجىڭ ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنى 2006 - يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرىغا قىلغان ياردەملىرى ۋە قانۇنىي ھەق - ھوقۇق داۋالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان بىر جەمئىيەتتۇر. ئۇلار بۇندىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تۇرۇۋاتقان كۆچمە نوپۇس ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك، ئولتۇراقلىشىش ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ماقالە، دوكلاتلارنى ئېلان قىلغان.

ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنى مەزكۇر قوللانمىنىڭ كىرىش سۆزىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلارنى چەتكە قاقىدىغان ئەھۋاللارنىڭ داۋاملىق كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئالدى بىلەن مەۋجۇت قانۇنلار ئارقىلىق قوغداشنى ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقى، شۇ ۋەجىدىن مەزكۇر قانۇن قوللانمىسىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر قوللانمىغان بېيجىڭ ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋەنيەنخەي ئەپەندى كىرىش سۆز يازغان بولۇپ، ئۇ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېگەن: خىتايدىكى ئۇيغۇرلار نۇرغۇن جەھەتلەردە كەمسىتىشكە ۋە ھاقارەتكە ئۇچراپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ئىنتېرنېتلەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلىۋاتقان سەلبىي يازمىلار، سىياسىي جەھەتتىن ئۇلارنى ئالۋاستىلاردەك كۆرسىتىش قىلمىشلىرى ۋە شۇنداقلا خىزمەتكە ئورۇنلىشالماسلىق، ياتاققا ئورۇنلىشالماسلىق، تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالالماسلىققا ئوخشاش مەسىلىلەر ھەممىسى مانا بۇلارنىڭ بىر قىسمى. لېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىغانلىقىنى يەنىلا ئاسانلىقچە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.

ۋەنيەنخەي ئەپەندى كىرىش سۆزىدە ئۆزى يولۇققان بىر قانچە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: 4 يىل ئىلگىرى بېيجىڭ ئولىمپىكى ئېچىلىش ھارپىسىدا مەن بېيجىڭدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى كۆردۈم. كېيىن مەن سىياسىي مەركىزىمىز بېيجىڭدىن تولىمۇ ئۇزاقتا بولغان يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ گېجۇ شەھىرىگە زىيارەتكە بېرىپ، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش ئەھۋالنى ئۇچراتتىم. مېھمانخانا ئىگىسى مېھمانخانىدا ياتماقچى بولغان ئۇيغۇرنى ئۆز كىملىكى بىلەن تىزىملىيالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا بىر خىتاينىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ تىزىملىتىش كېرەكلىكىنى، بولمىسا ساقچىلارنىڭ ئۆزىگە ئىش تېرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە يېقىندا، بېيجىڭدىكى خەلقئارالىق داڭلىق كافېخانا بولغان «ستارباكس» تا ئىشلەش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان بىر ياشنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشقا ئېلىنىدىغانلىقىدەك بىر ۋەقەمۇ تور بەتلەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇيغۇرلار ۋە ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا شىنجاڭلىقلار ئىشقا ئورۇنلىشىشتا مۇشۇنداق پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا، خىتاينىڭ ئەمگەكچىلەر قانۇنىدىكى ئالاقىدار ماددىلار ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىشى كېرەك. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى چوقۇم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىشى كېرەك. ئوخشاش ۋاقىتتا، «ستارباكس» دېگەن مەركىزى ئامېرىكىدىكى بىر خەلقئارالىق شىركەت. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى چوقۇم مەركىزى شىركەتكە خىتايدىكى «ستارباكس» شىركىتىنىڭ مىللىي ئايرىمىچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشى ۋە ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، ستارباكس شىركىتىنى ئەرز قىلىشى كېرەك.

ۋەنيەنخەي ئەپەندى سۆزىدە خىتاينىڭ ئەمگەكچىلەر قانۇنىدىكى مىللىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى ماددىلارنى مىسال كەلتۈرگەن. ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىپ خەلقئارا ئورگانلارغا قانداق قىلىپ ئەرز سۇنۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە مىساللارنى كۆرسەتكەن.

مەزكۇر قانۇن قوللانمىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئەمما ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتايدا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇنازىرىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكىدىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى مەزكۇر قوللانمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە بەلگىلىك ئۈنۈم يارىتىدىغانلىقىنى ئىشىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يۇقىرىدا ۋېن يەنخەي ئەپەندى ئېيتقاندەك ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەرز قىلىشنىڭمۇ جامائەت پىكرى يارىتىش ۋە ياكى خەلقئارالىق بىر پىكىر ھاسىل قىلىشتا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئېلشات ئەپەندى ئەسكەرتىپ، دۆلەت قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنمايدىغان بىر دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە ئۆزىنى قوغدىشىدىن كۆپ مەنپەئەت چىقىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش - خىتاي ھۆكۈمىتىگە قويۇلۇۋاتقان ئەڭ مۇھىم تەلەپ. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى بېكىتكەن قانۇنغا ئۆزى ئىجرا قىلماسلىقى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ۋە باشقا يەر - مۈلك داۋالىرىغا ئوخشاش ھەق - تەلەپ داۋالىرىنىڭ ئەڭ تۈپكى سەۋەبى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش خىتاي - ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى. بۇ يىل 23 - ،24 - ئىيۇل كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا - خىتاي 17 - قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدىمۇ ئامېرىكا ھەيئىتى خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەش، دىنىي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاي دائىرىلىرىگە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن خىتايدىكى ليۇ شياۋبو باشلىق نۇرغۇن ئۆكتىچىلەرنىمۇ تۈرمىلەرگە سولاپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتنىڭ قانۇندىن تېخىمۇ چەتنەپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانۇندىن سۆز ئېچىشنىڭ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.