0:00 / 0:00

شۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان "ناتونۇش دۇنيا" نامىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنلىرى پائالىيىتى داۋاملاشماقتا.
15- ئۆكتەبىر باشلانغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان "ئەركىن شەھەر كېچىسى" ناملىق پائالىيەتتە، تونۇلغان كومپوزىتور كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ئىجاد قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى 30 كىشىلىك ئوركېستىر تەرىپىدىن شەھەرنىڭ مەركىزى رايونىدا ئورۇنلاندى.
ئىستىقلال مارشى ۋە شۋېتسىيە خەلقىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ بە ھەقتىكى خەۋىرىنى ئاڭلاڭ.