سۋېتسىيىدىكى "ئۇيغۇر كۈنى" پائالىيىتى ئاياغلاشتى

0:00 / 0:00

15 – ئۆكتەبىر شۋېتسىيىدە باشلانغان "ناتونۇش دۇنيا" نامىدا ئاتالغان، بىرقانچە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ئىككى ھەپتىلىك ئۇيغۇر كۈنى پائالىيىتى بۈگۈن ئاياغلاشتى. . ئۇيغۇرلارنى شۋېتسىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ پائالىيەت ئېسكىلستۇنادىكى ئەمگەكچىلەر سارىيىدا ئېلىپ بېرىلغان يىغىلىش بىلەن ئاياغلاشتى.

كۈرەش كۈسەن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا – مۇزىكىلىرى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا ئۆرۈپ – ئادەتلىرى نامايان قىلىندى.

ئاخىرىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق بىر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلىدى.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى سۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ