نورۋىگىيىدە "ئۇيغۇر كۈنى" پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2005.04.29
28-ئاپرىل كۈنى نورۋىگىيىنىڭ بەرگەن شەھىرىدىكى رافتو فوندى جەمىيىتىنىڭ زالىدا رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى بىلەن نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان "ئۇيغۇر كۈنى" پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە قاتناشقان 150 دىن ئارتۇق كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ئائىت رەسىم، كېيىم – كېچەك ۋە سەنەت نومۇرلىرىنى كۆردى.
©
2005 Radio Free Asia