
27-ئۆكتەبىر ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ بېركلېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يىپەك يولى مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە ھازىرقى مەدەنىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدىغان بىر مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى، "يىپەك يولدىكى ئۇيغۇرلار" دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا " ئۇيغۇرلار يىپەك يولنى بويلاپ ھايات كەچۈرۈپ ۋە مۇشۇ جەرياندا يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشى، يىپەك يولى جامائىتى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا ئەسىرلەردىن بۇيان ھەسسە قوشقان" دەپ كۆرسىتىلگەن.
بېركلېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتكە بېركلېي ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ كالىفورنىيىدىكى نەق مەيداندىن بەرگەن بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر .