ئۇيغۇر تائاملىرى نيۇ-يوركتا
2007.07.17
شەرق ۋە غەرب تاماق مەدەنىيەتلىرىنى ئۆزلىرىگە مۇجەسسەم قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىگە خاس بولغان مول تاماق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەدەنىيىتىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ بارماقتا ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە كېڭەيتمەكتە.
ئۇيغۇر تاماق مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇ مول تاماق مەدەنىيىتىنى قېرىنداش ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن قاتارلىق ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغا كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي تاماق مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە موللىشىشىھۈن زور تۆھپە قوشقان ئىدى. ئۇيغۇر ئاشپەز ئۇستاملار ئۆز ھۈنەرلىرى بىلەن كىشىلەرنى ھوزۇرلاندۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەرلىك ئاشپەزلەرگە ھەمدە يەرلىك ئاھالىلارغا ئۇيغۇر تاماق تۈرلىرىنى ئۆگەتكەن. ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئالمۇتا، بىشكەك ۋە تاشكەنت قاتارلىق چوڭ كىچىك شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ئاساس قىلغان يېمەك-ئىچمەك سودىسى يەنى رېستۇران-ئاشخانىلارنى ئېچىش بىلەن تىرىكچىلىق قىلىدۇ، ئۇيغۇر تائاملىرى ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.
يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تارقىلىشى بىلەن،ئۇ يەرلەردىمۇ ئۇيغۇر رېستورانلىرى ئېچىلىشقا ھەمدە ئۇيغۇر تائاملىرى شۇنىڭدەك بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تېخىمۇ كەڭ دائىرە بويىچە بىلىنىشكە باشلىدى.
ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئېچىلغان "قەشقەر ئادالەت" ئۇيغۇر رېستورانى ھەققىدە ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ساما ئۇسسۇلى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا يېيىلىۋاتامدۇ؟
- ئىستانبۇلدا "يىپەك يولى تۇركىستان تاماقلىرى رېستورانى" ناملىق ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلدى
- "شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي يەمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى" ناملىق كىتاپ نەشىردىن چىقتى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى
- رۇس تىلىدا "ئۇيغۇر تائاملىرى" ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى