خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخىي ئىزنالارنى، مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى ساياھەتچىلىككە قارا - قويۇق ئېچىشى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچە بەزى تور بەتلەردىكى مۇنازىرىلەردىن ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك مۇتەپەككۇر ئالىملىرىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەمدە مەخمۇت قەشقىرىلەرنىڭ مەقبەرىلىرىنىڭمۇ بەزى ساياھەت شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم. يەنى نۆۋەتتە قەشقەر شەھىرىگە جايلاشقان يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنى بىر خىتاي ساياھەت شىركىتى سېتىۋالغاندىن باشقا، ئوپالغا جايلاشقان مەخمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىگىمۇ بەش مىليون يۇەن باھا قويۇلۇپ بازارغا سېلىنغان ئىكەن.
مەزكۇر مەسىلە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىق ھەم مۇلاھىزىلەرنى يەنىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تىلشۇناس، دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ھەم گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتىخان ئەپەندىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.