قورام مەھەللىسىدىكى ساۋۇت ئاخۇنۇم مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى

0:00 / 0:00

-9 ئۆكتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق قورام مەھەللىسىدە قايتىدىن سېلىنغان ساۋۇت ئاخۇنۇم مەسچىتى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مەزكۈر جامەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىدا قازاقىستاندىكى داڭلىق ئۇيغۇر سانائەتچى دىلمۇرات قوزىيېف ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.