ھىگاشى: يىرتىلىش ئالدىدىكى كېلىشىملەر ۋە قۇرۇلۇش ئالدىدىكى شەرقىي تۈركىستان

خىتاينىڭ سابىق رەئىسى خۇ جىنتاۋ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېى شوئىگۇ بىلەن جۇڭنەنخەيدە ئۇچراشقان. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2012-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى گورباچېۋ بىلەن خىتاينىڭ سابىق رەھبىرى دېڭ شاۋپىڭ، رەئىسى لى شيەننەنلەر بىلەن جۇڭنەنخەيدە ئۇچراشقان كۆرۈنۈش. 1989-يىلى 15-ماي، بېيجىڭ.
رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى گورباچېۋ بىلەن خىتاينىڭ سابىق رەھبىرى دېڭ شاۋپىڭ، رەئىسى لى شيەننەنلەر بىلەن جۇڭنەنخەيدە ئۇچراشقان كۆرۈنۈش. 1989-يىلى 15-ماي، بېيجىڭ.
RFA/Qutluq Yaponiyilik istratégiye mutexessisi higashi i taroning «yirtilish aldidiki kélishimler we qurulush aldiki sherqiy türkistan» namliq mezkur maqalisidin elinghan

ياپونىيىلىك ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ھىگاشى ئى تارو 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆزىنىڭ «خىتايغا قاراڭ» تور بېتىدە ئېلان قىلغان «يىرتىلىش ئالدىدىكى كېلىشىملەر ۋە قۇرۇلۇش ئالدىكى شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.

«يالتا كېلىشىملىرى» نىڭ ياپونچىسى.
«يالتا كېلىشىملىرى» نىڭ ياپونچىسى. RFA/Qutluq (Yaponiyilik istratégiye mutexessisi higashi i taroning «yirtilish aldidiki kélishimler we qurulush aldiki sherqiy türkistan» namliq mezkur maqalisidin elinghan)

ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق بايان قىلغان:
بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا خۇ جىنتاۋ رۇسىيىنىڭ خىتاينىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ھەر جەھەتتە ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. خۇ جىنتاۋ سېرگېى بىلەن بولغان سۆھبىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەن. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سوغۇق ئۇرۇش يىللىرىدا خىتاي بىلەن تۈزگەن بارلىق شەرتنامىلەرنى بىكار قىلىۋەتمەسلىكىنى ئۆتۈنگەن ۋە دېڭ شاۋپىڭ بىلەن گورباچېفنىڭ 1989-يىلىدىكى سۆھبىتىنى يەنە قايتىدىن ئەسلەپ ئۆتۈشكەن. خۇ جىنتاۋنىڭ 18-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى تۈگەش بىلەنلا ئالدىراپ رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىشى، بۇ يىل 12-ئايدا ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى نودانىڭ رۇسىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتاي ھۆكۈمىتى، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇرۇش يىللىرىدا تۈزۈلگەن «يالتا كېلىشىملىرى» توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىش ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى زېمىن مەسىلىسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش سۆھبىتىدىن قاتتىق چۆچۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى «يالتا كېلىشىملىرى» يالغۇز ياپونىيىنىڭ زېمىن مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ زېمىن مەسىلىسىگىمۇ چېتىشلىق بولۇپ، ئەگەر بۇ كېلىشىملەر بىكار قىلىنسا، تارىختا رۇسلار تەرىپىدىن خىتايغا سېتىۋېتىلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يەنە قايتا قۇرۇلۇشى مۇمكىن.

ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چەن چىچەننىڭ خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى ھەققىدە يازغان قوليازمىلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 1989-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى گورباچېۋ بىلەن خىتاينىڭ سابىق رەھبىرى دېڭ شاۋپىڭ، رەئىسى لى شيەننەنلەر بىلەن جۇڭنەنخەيدە ئۇچراشقاندا، دېڭ شاۋپىڭ «سىلەر يېقىندا سوغۇق ئۇرۇش يىللىرىدىكى، رۇسىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بارلىق كېلىشىملەرنى بىكار قىلدىڭلار، 1945-يىلى 8-ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى، 1950-يىلى 2-ئايدا رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن تۈزگەن «جۇڭگو-سوۋېت شەرتنامىسى» نىمۇ بىكار قىلامسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، گورباچېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، سۆزنى باشقا يەرگە بۇراپ جاۋاب بەرمىگەن، دېڭ شاۋپىڭ بۇنى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان بولسىمۇ، يېتەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمەي ئاخىرىدا ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ «بىز تارىختا شەرقىي تۈركىستانغا باراۋەر كېلىدىغان بىر زېمىننى، تاشقى موڭغۇلىيىنى رۇسىيىگە بېرىۋەتكەن، شۇڭا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا گەپ قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. 84 ياشلىق دېڭ شاۋپىڭ بىلەن 58 ياشلىق گورباچېف ئىككى يېرىم سائەت سۆھبەتلەشكەن.

ھىگاشى ئى تارو ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان:
ھازىرقى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ياپونىيە توغرىسىدىكى كېلىشىملىرى بىكار قىلىنسا، ئۇنداقتا ئەمدى خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن ئەينى ۋاقىتتىكى كېلىشىملەرنىمۇ بىكار قىلىدىغان ۋاقىت كەلدىمۇ قانداق؟ ئەگەر ئۇ كېلىشىملەر بىكار قىلىنسا، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېزلىكتە قۇرۇلۇشىغا ياردەملىشىشى كېرەكتە.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور سېئىجى نىشىھارا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سېجى نىشىھارا ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:
سوغۇق ئۇرۇش يىللىرىدىكى يەڭ ئىچىدە تۈزۈلگەن مەخپىي كېلىشىملەر يەنى سوۋېت-گېرمان كېلىشىملىرى 1989-يىلى بىكار قىلىندى. ئەمدى ياپونىيە توغرىسىدىكى كېلىشىملەر بىكار قىلىنسا، نۆۋەت ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارغا كېلىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت