ئۇيغۇر مەسىلىسى سلوۋاكىيىدە تۇنجى قېتىم مۇھاكىمە قىلىندى

سلوۋاكىيە پايتەختى براتىسلاۋا شەھرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن
ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.11.29

د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە سلوۋاكىيە پايتەختى براتىسلاۋا شەھرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مەركىزى ياۋروپادىكى سلوۋاكىيە دۆلىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 بۇ پائالىيەتنى سلوۋاكىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان "بىر دۇنيا" ناملىق تەشكىلات ئورۇنلاشتۇرغان. پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن مەمەت توختى ئەپەندى قاتناشقان. پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىلىش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق فىلىمى كۆرسىتىلگەن. پائالىيەت خاتىمىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوئال - جاۋابلار بولۇپ ئۆتكەن.

سلوۋاكىيىدىكى 2 كۈنلۈك پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ گېرمانىيىگە يېتىپ كەلگەن مەمەت توختى ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.