0:00 / 0:00
تۈركىيە ياۋرو ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ۋە تۈركىيە بىر ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2023 - يىلىغىچە ئىستراتېگىيىلىك تەخمىن' تېمىسىدا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا تۈركىيىدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى، ھەرقايسى مىنىستىرلەر، ئىلىم ئادەملىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە خىتاي ئەلچىسى بولۇپ، كوپ ساندا كىشى قاتناشتى ۋە سوز قىلدى.
بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان سىياسىتى ۋە كېلەچىكى، شانغائى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېلەچىكى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى. مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ كۇن تەرتىپىگە كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.