خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىغا قارشى تەدبىر ئېلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى


2007.03.01

كرىستىن ئاۋكۇنۇس، ۋاشنگتوندىكى جۇرج ۋاشنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ گېزىتى بولغان The Daily Colonial گېزىتىدە ئېلان ماقالىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ خۈنۈلىشىشىدە، دىپلوماتىيە تەشەببۇسلىرىنىڭ يوقلىقىنىڭ ئاساسلىق رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسىگە ئارىلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە سۆھبەت باشلىشىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك، دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنىمۇ دەپسەندە قىلماقتا

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بۇنداق بىر تەشەببۇستا بولۇشى، ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا خۇنۈكلەشكەن ئوبرازىنىڭ قايتىدىن تىكلىنىشىگە ياردەم قىلىدىكەن ھەمدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى ھېسسىياتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949‏- يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئىشغال قىلغاندىن بېرى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن كرىستىن ئاۋكۇنۇس، ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

"1999‏- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشلىتىلغان ‘قاتتىق زەربە بېرىش’ ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ‘تېررورچى’، ‘بۆلگۈنچى’ پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىنىپ قولغان ئېلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى 1999‏- يىلىدىن ھازىرغىچە مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق تۈرلۈك جازالار بىلەن جازالىدى. بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەكتەپلەردە ئۆز تىلىدا ئوقۇشى چەكلەنمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۆز دىنىنى ئۆگىنىشىگە رۇخسەت بېرەلمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا دىنىي تەلىم تەربىيە بەرگەن دىنىي ئوقۇتقۇچىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دەرھال قولغا ئېلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنىمۇ دەپسەندە قىلماقتا".

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى

ماقالىسىدە، خەلقئارا جامائەتنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىغا قارشى تەدبىر ئېلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى دەپ كۆرسەتكەن كرىستىن ئاۋكونۇس، مۇنداق دەيدۇ:

"بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا يېتەكچى رول ئوينىشى كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتى، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، بۇ مەسىلىدە ب د ت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلار ئالدىدىكى ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلەيدۇ. ئامېرىكا شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

ماقالىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىتىبارىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كرىستىن ئاۋكۇنۇس مۇنداق دەيدۇ: "2008 - يىلى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمغا ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەن سېناتور ھەللەرى كلىنتون قاتارلىق نامزاتلارنىڭ ھەممىسى، خىتايغا قارشى قاتتىقراق پوزىتسىيىدە بولۇشىنى، ئۆزلىرىنىڭ سايلام تېمىسى قىلىپ بېكىتتى. شۇنداقلا ئامېرىكا خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قارشى قاتتىقراق پوزىتسىيدە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلىدى".

ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى بېسىمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشى، ئامېرىكا ئۈچۈن نۇرغۇن جەھەتلەردىن پايدىلىق بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشى، ئامېرىكىنىڭ ئوبرازىنىڭ قايتىدىن تىكلىنىشىدە، تېررورچىلىقنىڭ كېڭيىشىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ خىتاينى خەلقئارا تىجارەت قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان سىياسىي بىر پوزىتسىيىدە بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ ياخشىلىنىشى، ئىران بىلەن بولغان ئىختىلاپنىڭ بىرتەرەپ قىلىنىشىغا شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتە تېررورچىلىقنىڭ كېڭىيشىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشىغا ھەسسە قوشىدۇ. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.