چەتئەللىكلەرنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى (1)
2006.09.19
ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرى بارغانسېرى كۆپ چەت`ئەللىكلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېما قىلغان بايانلىرىمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىزمەت كۈنتەرتىپىگە قويۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا.
گېرمانىيىدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى دىليۇس ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان يازغۇچى جامياڭ نوربۇ ئەپەندى، گېرمانىيىدىكى تۈرك زىيالىيسى ئۆزگۈر ئەپەندى ۋە شۋېيتسارىيىلىك ئايال يازغۇچى ئانگەلىكا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئۇلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىكرى "بۈگۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسىگە ئوخشاشلا دۇنيانىڭ دىققەت – ئىتىبارىدا تۇرماقتا" دېگەندىن ئىبارەت بولدى.
دۇنيانىڭ دىققەت – ئىتىبارىدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپالىقلارنىڭ زادى قانچىلىك چۈشىنىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى دىليۇس ئەپەندى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
"خىتاينى بۈگۈنكى تەرەققىيات ھەم قۇۋۋەتكە ئېرىشتۈرگەن ئېنېرگىيە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن ئىبارەت بولىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ بايلىقلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر ئېغىر نامراتچىلىققا مەھكۇم ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، تىل ۋە پىكىر ئەركىنلىكى دەپسەندە قىلىنماقتا. بىز بۇ مەسىلىنى يالغۇز گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگىلا ئەمەس، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەرگە بىلدۈرۈشكە تېرىشىۋاتىمىز. بارلىق ياۋروپالىقلارغا بىلدۈرۈشكە تېرىشىۋاتىمىز. ياۋروپا بىرلىكى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى تىلغا ئالغاندا، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ھەققىنى تىلغا ئېلىشنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك. بىزنىڭ غەرب دۇنياسىدا تۇنجى قەدەمدە تەشۋىق قىلىۋاتقىنىمىز مۇشۇ مەسىلىلەر. ".
دىليۇس ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ:
"مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ دەۋاسى ياۋروپادا قىززىق بىر تېما ھالىغا كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھازىر ناھايىتى خەتەرلىك بىر ۋەزىيەتتە تۇرىۋاتىدۇ. چۈنكى، خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجنى ھەسسىلەپ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي بۇ ئېنېرگىيىگە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتسىز ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ ئېھتىياج، تېخىمۇ قۇدرەت تېپىش ئىستىگىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاينى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگە تېخىمۇ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشكە ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىتاي بۇ قەدەمنى ئاللابۇرۇن باستى. بىزنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى جىددى ئاگاھلاندۇرىۋاتقان مەسىلىمىز بۇ".
تۈرك زىيالىيسى ئۆزگۈر ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى قۇدرەتلىك بىر دۈشمەن بىلەن ئېلىشىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈن غەرپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇقەددەس دەۋاسىنىڭ، پات – ئارىدا يەنە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئىتىنى دەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىغا سەل قارىماسلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانى دەۋاسىنى داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، شۇنداقلا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن`گە قەدەر ئۆز مەدەنىيىتىنى، تىلىنى، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى قوغداشنىڭ، ئۆز-ئارا بىرلىك ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
دىليۇس ئەپەندى، خىتاي باش مىنىستېرى ۋەنجىئابائو ھامبۇرگقا كېلىشتىن ئىلگىرى، ئۆزلىرىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن جىددى كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى تەكىتلىگەنلىكىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:
"ياۋروپا بىرلىكى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئېلىپ بارغاندا، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇلۇپ قالسا، ئىقتىسادى مەنپەئەت ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرىگە كۆز يۇمسا، كېلىچەكتە مەركىزى ئاسىيادا تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن بولىدۇ. ئۇ ھالدا، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ بۈگۈنكى دېموكراتىك كۈرەشتىن ۋاز كېچىپ، قوراللىق ۋاستىلەرگە مۇراجىئەت قىلىش بىلەن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش ئىرادىسىنى چەكلەپ قالغىلى بولمايدۇ".
تۈرك زىيالىسى ئۆزگۈر ئەپەندى، مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ناھايىتى مۈشكۈل كۈرەش ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىچەكتە مۇتلەق رەۋىشتە مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يېمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەققىللىققا ئېرىشكەنلىكى بۇنىڭ بىر ئۆرنىكى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئورخان قاۋۇنچۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى، تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى نۇرى گۇرگۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- تۈركىيە مىللەت پارتىسى باشلىقى ئايقۇت ئەدىبالى ئەپەندى بىلەن ئۇيگۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت
- ئۇيغۇر ۋەكىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق مۇئاۋىن دۆلەت مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
- Dru Gladney تورونتو ئۇنىۋېرسىتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە دوكلات بەردى
- كانادادىكى بىر تۈركىيىلىك ئوقۇغۇچى ماگىستىرلىق دېسسىرتاتسىيەسىگە شەرقىي تۈركىستان تېمىسىنى تاللىدى(2)
- كانادادىكى بىر تۈركىيىلىك ئوقۇغۇچى ماگىستىرلىق دېسسىرتاتسىيەسىگە شەرقىي تۈركىستان تېمىسىنى تاللىدى(1)