چەتئەللىكلەرنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى (2)


2006.09.21

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى دىليۇس ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

"مەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى تىلەيمەن. ئۇيغۇرلار بۇ ھەق - ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. يەنىمۇ زور جاسارەت بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يېتەكچىلىكىدىكى د ئۇ ق نىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى چېكىۋاتىدۇ. مەن بۇ كۈرەشنىڭ تىنچلىق شەكلىدە، دېموكراتىك ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداش. مەن ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنى كۆرۈشنى خالايمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئاسارىتىدىن خالىي ھاياتىغا تەلپۈنىمەن. ۋاقتى كەلگەندە، ھەقىقى ئاپتونومىيە ئىستەمدۇ ياكى مۇستەقىللىق ئىستەمدۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەركى. ھېچكىم رەت قىلالمايدىغان ئىنسانىي ھوقۇقى. ئەمما بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللى ھەقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك".

شۋېيتسارىيىلىك ئايال يازغۇچى، شۋېتسارىيە – تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى" نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان Angelika Nensching خانىم، ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

مەن ئۇيغۇرلارنى 1991 – يىلىدىن تارتىپلا بىلىمەن. ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا ھەۋەس قىلىمەن. 1991 – يىلى ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە موڭغۇللار بىر ئارىغا كېلىپ، خىتايغا قارشى ئىتتىپاق قۇرغان ئىدى. مەن شۇندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىققىتىمنى بېرىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ دەردى ئوخشاش. بۇلار يىللاردىن بېرى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى ۋە ئىنسانىي ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرى ئالاھىدە كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ئالدى بىلەن خىتاينى دېموكراتىك بىر تۈزۈلمىگە ئۆزگەرتىش كېرەك. بۇ ساھەدە تېرىشچانلىقلار كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. خىتاي دېموكراتىيىگە كۆچكەندە، ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ھەق – ھوقۇق مەسىلىسى ھەقىقى ھەل بولۇش باسقۇچىغا كىرگەن بولىدۇ. خىتايدىكى سىياسىي تۈزۈلمە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرماي تۇرۇپ، سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلاردا ئۆزگىرىش ياساش قېيىن بولىدۇ".

ئامېرىكىدىكى تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، يازغۇچى جامياڭ نوربۇ ئەپەندى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆز چۈشەنچىسىنىڭ چۇڭقۇرلىقىنى، ھازىرغىچە ئامېرىكىدا ئېلان قىلغان كىتابلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن ئۇزۇن يىللىق بىر سىياسىي ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ:

"مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن، موڭغۇللار بولسۇن ياكى تىبەتلىكلەت بولسۇن، ھەممىمىز ئۆزىمىزگە خاس مەدەنىيەتكە، خاس ئۆرپ – ئادەتكە، خاس تارىخقا ئىگە مىللەتلەرمىز. ھەممىمىزنىڭ بۈيۈك ئىمپېرىيىلىرى، شانلىق دۆلەتلىرى بولغان. تارىختا خىتاي بىلەن بىزنىڭ ھېچقانداق ئورتاقلىقىمىز بولمىغان. بۈگۈنكى خىتايلارنىڭ بىزلەرگە بولغان ھۆكۈمرانلىقى تاجاۋۇزچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. خەلقلىرىمىزگە گومىنداڭدىن بەتتەر زۇلۇم سېلىۋاتقان بۈگۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ۋە ئۆزلىرىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بىز ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ھەم موڭغۇللار ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىققا موھتاج. 2008 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى، خىتاينىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىنىڭ سىگنالىنى چالىدۇ. بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىز، ئىمكانىمىز يار بەرگەن دائىرىدە تەشۋىقات يۈرگۈزۈپ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى دۇنياغا ئاشكارىلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئالدىدا ئاز كۆرۈلىدىغان بىر پۇرسەت يارىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش، تارىخى خاتالىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنگە قەدەر بىر مۇش بولۇپ ئۇيۇشۇپ، خىتاي ئۈستىدىن ئورتاق غەلىبە قازىنىشىمىز كېرەك".

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.