ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيىنىڭ قارادېڭىز رايونىدا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ 3-بېكىتى بولغان گىرەسۇن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقنىڭ زور قىزىقىشىغا ئېرىشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 24- ۋە 25-ماي كۈنلىرى سىۋاس ۋە ترابزون ۋىلايەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 5-ئاينىڭ 26-كۈنى تۈركىيىنىڭ شەرقىي قارادېڭىز رايونىغا جايلاشقان گىرەسۇن ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.27
uyghur-mesilisi-giresunda-305 ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26-ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺩﯦﯖﯩﺰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﮔﯩﺮﻩﺳﯘﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
RFA Photo / Erkin Tarim

 سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالدى بىلەن گىرەسۇننىڭ TEMPO تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرگە مەلۇمات بەرگەن بولسا، كېيىن گىرەسۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چوڭ يىغىن زالىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى تېمىسىدا سۆز قىلغان. بۇ كونفىرانسقا ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ھەتتا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشقان.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بولسا ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلار سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنى ئورىۋېلىپ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۇئاللارنى سوراپ تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىسى بولۇشقا تىرىشقان.

 بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ پائالىيەت بۇيىچە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان ۋارىس ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، ئۇ ئۇنىۋېرسىتېت زالىنى لىق تولدۇرغان ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان مۇنچە قىزىقىشىنىڭ ئۆزىنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 20 پىرسەنتىنىڭ كۇرد ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىشنىڭ تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداش مىللەت بولۇشىدىن زىيادە، ئىنسانىي جەھەتتىن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ۋارىسجان ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىغا قۇلاق سالغايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.