تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ رەئىسى نىجاتى جەيلان ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت

2010 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى تەرىپىدىن ئەرەسىن مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا "يوقىرىدىكىلەرنىڭ ھوقۇقىدىن، ھوقۇقنىڭ يۇقىرىغا ئۆتۈشى" دەپ نام بېرىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.09.06
Pro-Nejati-Jeylan-ependi-we-yighin-ehli-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 9 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﯞﻩﺧﭙﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

بۇ يىغىنغا تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىگە ئەزا 117 ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە باش كاتىپ دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللا ئەپەندىلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى، 9 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن خەلقنىڭ رايىنى سىناپ بېلەت تاشلاش سايلىمىدا، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ۋە بۇ ھەقتە تۈركىيىدىكى پۈتكۈل ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئىكەن.

يىغىنغا يەنە كۆپ ساندا تىلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە گېزىت مۇخبىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ رەئىسى پروفېسسور نىجاتى جەيلان ئەپەندى تەشكىلات نامىدا، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بايانات ئېلان قىلدى. كېيىن بىر قانچە مۇھىم تەشكىلات رەئىسلىرى سۆز قىلدى.

بىز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا نىجاتى جەيلان ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
Pro-Nejati-Jeylan-ependi-305
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﯞﻩﺧﭙﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻧﯩﺠﺎﺗﻰ ﺟﻪﻳﻼﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
RFA Photo / Arslan

سۇئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، يېقىندا تۈركىيە ئاساسى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلسە، بۇ ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە، بۇ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، ئومۇمىي جەھەتتىن تۈركىيە توسالغۇلاردىن قۇتۇلۇپ، كۈچلۈك بىر دۆلەت بولغان تەقدىردە، ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كەلگەنگە ئوخشاش، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بولسۇن، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن بولسۇن پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. كۈچلۈك دۆلەتنىڭ تەلەپلىرى چوقۇم باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، تۈركىيە كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلانغاندا، باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنى قوغدايدۇ ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، ئەمما ئۆز ئەركىنلىكىمىزگە ئىگە بولالمىساق، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرتلىرىگە، قايغۇ ۋە خۇشاللىقىغا ئورتاق بولۇش قىيىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جەھەتتە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى مۇھىم دەپ قارايمىز.

سۇئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە، بەزى دۆلەتلەر ئۆز ئىنسانلىرىنى سۈمۈرگەنگە ئوخشاش باشقا دۆلەتلەردىكى ئىنسانلارنىمۇ سۈمۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمى بۈگۈن ئەمەس، ئۆتمۈشتىمۇ بار ئىدى. ئۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ، بۇ جەھەتتە ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى، مۇستەقىللىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھۆرىيىتىگە ئىگە بولغان بىر دۆلەت سۈپىتىدە كۆرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم. بۇ، ئۇ يەردىكى ئىنسانلىرىمىزغا قانچىلىك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرسا، بۇ يەردىكى ئىنسانلارمۇ، بىزمۇ ئوخشاش مەسئۇلىيەتچانلىق ھېس قىلىمىز. چۈنكى ئۇ يەردىكى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، يەنى بىز بىر جىسىمنىڭ ئەزالىرىغا ئوخشاش. جىسمىمىزدا قانداق بىر ئاغرىق ھېس قىلساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىنغان ئەخلاقسىزلىق، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان پۈتكۈل زۇلۇم، بېسىملارنى يوق ئېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. كەچمىشتە زۇلۇم قىلىشقا تايانغان دۆلەتلەر يىمىرىلدى. ئەمما مەزلۇم بولغان ئىنسانلار ھەقىقىي بىر ئىنسانچە ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

سۇئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، سىزچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن خەلقئارالاشمايدۇ، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبلىرى نېمە؟

جاۋاب: بۇ ھەقتە مەن ھەقىقەتەن قايغۇلىنىمەن، ئەپسۇسلىنارلىقى، خەلقئارا سەھنىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى ئاڭلىتىلمايۋاتىدۇ، بىزمۇ ئاڭلىتالمايۋاتىمىز، باشقا رايونلاردا بولغان پۈتكۈل ھەقسىزلىققە قارشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى بىر كۈچ، بىر ئاۋاز چىقىۋاتىدۇ، بىر تەلەپلەر قويۇلۇۋاتىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى بىر تەلەپ خەلقئارا سەھنىدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش قىيىن بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، باشقا دۆلەتلەر خىتايدىن تەپ تارتىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى خەلقئارادا ئاجىز قېلىۋاتىدۇ.

سۇئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، سىزنىڭ تەشكىلاتىڭىز ئۇيغۇرلارغا قانداق قارايدۇ؟

جاۋاب: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىگە ئەزا تەشكىلات. بىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىدە ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن بىزگە نېمە زۆرۈر بولسا ئۇنى قىلىمىز. بىز ئۇلار بىلەن بىرگە، بىز ئۇلار بىلەن بىرگە. چۈنكى بۇ داۋا بىزنىڭ داۋايىمىز، بىز ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئايرىم دەپ قارىمايمىز. ئۇلارغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى بىزگە قىلىنىۋاتقان بېسىم دەپ قارايمىز، بۇ ھەقتە مەيلى شەخسەن، مەيلى تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نېمە كېرەك بولسا شۇنى قىلىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىمىز.

سۇئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، قوشۇمچە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان باشقا سۆزىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: بۇ بىر ھەقىقەت بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى بىر كۆرەش، بۇ، دۇنيا قۇرۇلغاندىن باشلاپ قىيامەتكىچە داۋام قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەق يولدا، توغرا يولدا ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ بىز بۇ دەۋادا غەلىبە قىلىمىز دەپ ئىشىنىمەن، خۇدايىم بۇيرىسا، مۇستەقىل ۋە ھۆر بىر شەرقىي تۈركىستان، خالىغان ۋاقىتتا بېرىپ كېلەلەيدىغان بىر كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتىمەن. چۈنكى ئۇ يەر بىزنىڭ ئەسلى ماكانىمىز. ئاللاھ غەيرەت بەرگەي، ئاللاھ ئۇلارنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغاي.

تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى تۈركىيىدىكى ئوخشىمىغان جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكى بولۇپ بۇ تەشكىلات 1991 ‏- يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ ھازىر 117 ئاممىۋىي تەشكىلات ئەزاسى بار.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.