ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى "شىنجياڭ" ۋەكىللىرى ئەمەس بېيجىڭلىق ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان

0:00 / 0:00

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىننىڭ مۇزاكىرىلىرى داۋام قىلماقتا. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇزاكىرىلەر خىتاينىڭ ئەنئەنىۋىي يىغىن ئىستىلى بۇيىچە داۋاملاشقان. ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ مۇزاكىرە يىغىنىدا، ۋەكىللەر، ۋېن جيا باۋنىڭ دوكلاتىغا پۈتۈنلەي ئىجابىي ۋە يۈكسەك باھا بەرگەن. ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھوقۇقىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھىچ تىلغا ئېلىنمىغان. يىغىندا ئىككى ۋەكىل ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار كونكرېت ئىككى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ سەزگۈر مەسىلىلەردىن ئەمەس.

" شىنجاڭدا مەركەزنىڭ بۇلتۇرقى 32 ‏ - نومۇرلۇق ھۆججىتى ئىجرا قىلىنمىدى "

مۇزاكىرىدە ۋېن جيا باۋنىڭ دوكلاتىنى ئۇيغۇر رايوندىن كەلگەن ۋەكىللەردىن ۋاڭ لېچۈئەن " رېئالىست بىر دوكلات" دەپ باھا بەرگەن بولسا، نۇر بەكرى" خەلق تۇرمۇشىنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرگەن دوكلات " دەپ باھا بەرگەن. ئەركىن ئىمىرباقى، دوكلاتنى "قاراتمىلىقى كۈچلۈك" دەپ ئاپىرىن ئوقۇغان بولسا، ئىسمائىل تىلىۋالدى " شىنجاڭ خەلقىغە ناھايىتى كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان بىر دوكلات " دەپ مەدھىيە ئوقۇغان. بۇلارنىڭ يىغىندا ھازىرغا قەدەر قانداق بىر كونكرېت مەسىلە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەكىللىرىدىن نيۇ رۇجى، بايلىق مەنبەسى بېجىنىڭ، بايلىقنىڭ مىقدارىغا قاراپ ئەمەس، باھاسىغا قاراپ ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نيۇ رۇجى، باج باھاغا قاراپ ئېلىنسا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مالىيە كىرىمىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك يۈكسىلىش كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نيۇ رۇجى يەنە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى كەڭ - كۆلەمدە ئېچىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر رايونىغا ئېكولوگىيە تۆلەم پۇلى بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بايلىقىنى ئېچىۋاتقان شىركەتلەر كىرىمىنىڭ %1 ئىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئايرىسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلى مالىيىسىگە خېلى جان كىرىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمەلىيەتتە، نيۇ رۇجى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا مەركەز بۇرۇنلا ھۆججەت چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ھەل بولماي كەلگەن. مەسىلەن، مەركەزنىڭ بۇلتۇرقى 32 ‏ - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، بايلىق مەنبەلىرىدىن باجنى مىقدارىغا قاراپ ئەمەس، باھاسىغا قاراپ ئېلىشنى قارار قىلغان. ئەمما بۇ خىل باج تۈزۈمى مەركەز ۋە يەرلىكتىكى بىر قىسىم مەنپەئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ دىتىغا ياقمىغاچقا ئىجرا قىلىنمىغان. ۋېن جيا باۋ بۇ قېتىمقى دوكلاتىدىمۇ، بايلىق مەنبەسىنىڭ باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى، بايلىق مەنبەلىرىنى ھەقسىز ئەمەس، ھەقلىق ئىشلىتىشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، بايلىقى ئېچىلغان جايلارغا، ئېكولوگىيە تولۇقلىما پۇلى بېرىش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېمەك، نيۇ رۇجىنىڭ تەكلىپى يېڭى بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەمەس، مەركەزنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى تېزراق ئىجرا قىلىش تەكلىپى بولغان.

" باج ۋە تۆلەم كىرىمىدىن ھۆكۈمەت ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى بەھرىمان بولىدۇ "

نيۇ رۇجى جۇڭگودا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى شۆبىسىنىڭ مۇدىرىدۇر. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى يوق. كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ئەپەندى يۇقۇرىقى سۆزلىرىدىن كېيىن يەنە مۇنداق دەيدۇ:، بايلىق مەنبەسى بېجى ئۆسسىمۇ، ئېكولوگىيە تۆلىمى بېرىلسىمۇ، بۇ پۇل خەلققە ئەمەس، ھۆكۈمەتكە بېرىلىدۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت مىللىي ھۆكۈمەت ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتى بولغىنى ئۈچۈن ئۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇشلىرىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى بەھرىمان قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى بۇ مەنپەئەتلەردىن چەتتە قالدۇرىۋاتقىنىدەك، باج ۋە تۆلەم كىرىمىدىنمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنى بەھرىمان قىلىدۇ.

يىغىندا جاڭ شىن ئىسىملىك بىر ۋەكىل، ئۇيغۇر رايونى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ئارىسىدا ئېلېكتىرلەشكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان جاڭ شىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى شىنجاڭ ئېلېكتىر - سانائەت ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورىدۇر. ئەمما ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنى رايون خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ياكى ئۆز شىركىتىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

" ئۇيغۇر رايونىدىكى مائارىپ 30 يىل بۇرۇنقى سەۋىيىدىن پەرقلەنمەيدۇ "

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار پىكىر ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ ئەمەس، بىر قىسىم باشقا جايغا تەۋە ۋەكىللەرنىڭ ئېغىزىدىن چىققان. خىتاي پەن‏ - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بىلەن خىتاي مائارىپ مىنىستىرى، ئۇيغۇر رايونىدىكى مائارىپ قۇرۇلۇشىدىكى تەڭسىزلىكنى تىلغا ئالغان، ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدىكى مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ 30 يىل بۇرۇنقى سەۋىيىدىن ئانچە پەرقلىق ئەمەسلىكىنى پاش قىلغان.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 7 ‏ - مارت تور بېتىدە، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ، ھەر بىرىنىڭ قۇرۇلتايغا 2 - 3 تىن تەكلىپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما كۆپىنچىسىنىڭ تەكلىپلىرىنى تېخى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى، قويماسلىقىدەك سەۋەب مەسئۇلىيەتچانلىق سەۋەبىدىن تەكلىپلىرىنىڭ ئۈستىدە يەنىلا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئەمما ۋەكىللەرنى ئېھتىياتچان بولۇشقا مەجبۇرلاۋاتقان مەسئۇلىيەت خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتمۇ ياكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتمۇ؟ بۇ نۇقتا خەۋەردە ئەسكەرتىلمىگەن. (شۆھرەت ھوشۇر)