ئۆزبېكىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكار سۇلتان مەمەت ئەپەندى رادىئومىزدا
2007.06.06
ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان ،ئۇيغۇر مۇقامچى ، سازەندە سۇلتان مەمەت ئەپەندى ، ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرى، مۇقاملىرىنى ئورۇنلاپ خەلق ئارىسىدا تونۇلغان سەنئەتكارلارنىڭ بىرى.
ئۇ ، ھازىر ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنى ھاياتىنى جانلاندۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە . يېقىندا ئۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىنىڭ بىرىنچى ناخشاCD ئەلبومىنى تارقىتىشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدى .
سۇلتان ئەپەندى 5 - ئىيۇن كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا كېلىپ، ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاپ، رادىئومىزنىڭ ناخشا - مۇزىكا ئارخىبىغا تەقدىم قىلدى. بىر قانچە سائەت داۋاملاشقان ئاۋازغا ئېلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتتە بولدى.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ سۇلتان مەمەت ئەپەندى بىلەن قىلغان سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شائىر، ئالىمە پاتىگۈل سابىتوۋانىڭ 70 ياشلىقى قۇتلاندى
- تۈركىيىدە يايلاق فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى
- شىۋىتسىيىدە، ئۈمىد يۇلتۇزى ناملىق مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
- "شىنجاڭ ناخشىلىرى" زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (2)
- ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە دولان مۇقامى پارىژدا
- مۇزىكانت ئادالەت ئىسايىۋا خانىم بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ھەققىدە سۆھبەت
- ئۇيغۇر 12 مۇقام ئانسامبىلى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە
- تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئاتىللا كوچ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلدى
- ئۇيغۇر 12 مۇقام ئانسامبىلى تۈركىيىدە
- دولان مۇقامى دەۋرىمىزگە كەلگەندە نېمە ئۈچۈن يوقاپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قالدى؟
- ئۇيغۇرلار مونتېئارالدىكى "دۇنيا خەلقلىرىنىڭ تويلىرى" فېستىۋالىدا
- ناخشا چولپىنى ئەركىن ئابدۇللا يېڭى ئالبۇمى ھەققىدە چىققان تالاش-تارتىشلار مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى