ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان ،ئۇيغۇر مۇقامچى ، سازەندە سۇلتان مەمەت ئەپەندى ، ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرى، مۇقاملىرىنى ئورۇنلاپ خەلق ئارىسىدا تونۇلغان سەنئەتكارلارنىڭ بىرى.
ئۇ ، ھازىر ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنى ھاياتىنى جانلاندۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە . يېقىندا ئۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىنىڭ بىرىنچى ناخشاCD ئەلبومىنى تارقىتىشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدى .
سۇلتان ئەپەندى 5 - ئىيۇن كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا كېلىپ، ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاپ، رادىئومىزنىڭ ناخشا - مۇزىكا ئارخىبىغا تەقدىم قىلدى. بىر قانچە سائەت داۋاملاشقان ئاۋازغا ئېلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتتە بولدى.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ سۇلتان مەمەت ئەپەندى بىلەن قىلغان سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.