ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى مەسىلىسى خەلقئارا يىغىندا


2007.12.17

12- ئاينىڭ 14- كۈنى تۈركىيىنىڭ قوجائەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا "خەلق مۇزىكىسىدا چالغۇ ئەسۋابلىرى" ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەزەربەيجان، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ۋە ماكېدونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 35 ئەتراپىدا مۇزىكىشۇناس قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئادەم ئۆگەر ئەپەندى "ئۇيغۇر تۈركلىرىدە بەزى چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى " تېمىسىدا، ئەنقەرە گازى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. نەزىھە شەنتۇرك خانىم "شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر چالغۇلىرى" تېمىسىدا، كوجائەلى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى در. سەما ئورسوي خانىم بولسا " خىتايچە تارىخى مەنبەلەردە تۈركلەردە خىتاي ۋە تىبەتلەر بىلەن ئورتاق بولغان چالغۇلار" تېمىسىدا سۆز قىلغان.

بىز بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئەتراپلىق تونۇشتۇرغان ئەنقەرە گازى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. نەزىھە شەنتۇرك خانىم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. كېيىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا، تۈركىيىدىكى پۈتۈن مۇزىكا فاكۇلتېتلىرىدا ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىسى ئۆگىتىدىغان دەرسلەرنى تەسىس قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان.

بىز بۇ ئىلمىي ماقالىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم پروف. در. نەزىھە شەنتۇرك خانىم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردى. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.