0:00 / 0:00

تۈركىيىنىڭ ئاماسىيە ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر ناھىيىسىدە 11-سېنتەبىر كۈنى سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ناھىيىسى سەككىز يىلدىن بېرى بۇ بايرامنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
8 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ناھىيىسى مەدەنىيەت – سەنئەت بايرىمىدا ئاماسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ –ئادەتلىرى ۋە ناخشا ئۇسۇللىرى كۆرسىتىلگەندىن سىرت، تۈركىيىدىكى داڭلىق سەنئەتكارلارمۇ ئۆز ماھارەتلىرى كۆرسىتىدىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىختىئايرى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ھەسەن ئەر ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، بايرام ئۆتكۈزۈلۈشتىكى مەقسەتلەر ۋە بايرامنىڭ كۈن تەرتىپى ھەققىدە مەلۇماتلارنى ئىگىلىدى.