خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت قېزىشنى تېزلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خىتاينىڭ ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك ئەندىشىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت قېزىشنى تېزلەتكەنلىكى خەلقئارادا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ يىل 12-ماي قارار چىقىرىپ، چەتئەللەرگە قارىتىلغان دىزېل ئېكسپورتىنى توختىتىش ۋە پىششىقلانغان نېفىت ئېكسپورتىنى قاتتىق كونترول قىلىشىنى ئۇقتۇردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب خىتايدا ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ بارغانچە ئۆسۈۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
خىتاي خەلقئارالىق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا بۇ يىل يازدا كۆپلىگەن شىركەتلەر توك چىقىرىش ئۈچۈن دىزېل ماتورلۇق گېنېراتورلارنى ئىشلەتكەن. نەتىجىدە بۇ خىتايدا دىزېل يېقىلغۇسىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇنىڭغا ئەگىشىپ دائىرىلەر دىزېل باھاسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ جۇجاڭ دەريا دېلتىسىدىكى سانائەت بازىلىرىدا توك توختاپ قېلىش ھادىسىلىرى كېلىپ چىققان.

«ۋاقىت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ غەربىدە ‹قارا ئالتۇن› جىددىي قېزىلماقتا» ناملىق ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، خىتايدا ئېنېرگىيە قىسلىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن دېگەن پەرەزدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئۈچ چوڭ نېفىت گۇرۇھىنى نېفىت «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» قا چاقىرغان.

ماقالىدە «قارا ئالتۇن» نىڭ قاراماي يەنى نېفىت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىشتىھاسىنى «قاراماي شەھىرى» دەپ ئاتالغان بۇ رايوندا كۆز يەتكۈسىز سوزۇلغان ۋە توختاۋسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان نېفىت ناسوسلىرىدىن روشەن كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 2-ئايدا خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتى قاراماي نېفىتلىكىنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئىلگىرىكى 25 مىڭ 870 توننىدىن ئاشۇرۇپ، نۆۋەتتە 29 مىڭ توننىغا يەتكۈزگەن. قاراماي نېفىتلىكى 2010-يىلى 11 مىليون توننا خام نېفىت ئىشلەپچىقارغان.

ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن ۋە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: قارامايدا ئىشلار سەل ئاددىيراق. چۈنكى قاراماي نوپۇسىنىڭ 4 تەن 3 قىسمىنى خىتاي نېفىت شىركىتى تەرىپىدىن ياللانغان كۆچمەن خىتايلار ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار خىتايچە بىلسە ئاندىن ئىشقا ئورۇنلىشالايدىكەن. ئەمما، بۇ ئىككى مىللەت ئانچە ئارىلىشىپ كەتمەيدىكەن.

ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى گو خەيتاۋ: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسىدە ئىنتايىن مۇھىم، دېگەن.

گو يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت زاپاسلىرىنى جىددىي ئېچىشىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: نەچچە ئون يىللاردىن بۇيانقى ئېچىش شەرقتىكى نېفىت زاپاسلىرىنى خوراتتى. شىنجاڭنىڭ نېفىتلىرى ھەقىقىي مارگىنال تەرەققىيات بىلەن تەمىنلەيدۇ. يۇقىرى باھالىق نېفىت ئىمپورتىنىڭ يۈكى ئېغىر.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى مايدا ئاچقان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ئېچىش قەدىمىنى تىزلىتىدىغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت شىركەتلىرىگە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رادىئومىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن بەزى ئۇچۇرلاردا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەرخىل كەمسىتىشلەرگە يولۇقۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئېلى نېفىت ساھەسىگە سېلىنغان مەبلەغلەر ۋە يارىتىلغان ئىش پۇرسەتلىرىدىن كۆچمەن خىتايلارنىڭ مەنپەئەتلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.