
ئۇيغۇرلار ماكانى يەنى خىتاينىڭ چېگرىسىغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى گەرچە خىتاي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە توغرا كېلىدىغاندەك زىمىن بولسىمۇ بۇ جاي، بۇ جايدىكى خەلقلەر ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى شۇنداقلا بارلىقى خىتايلار ئۈچۈن ئاجايىپ سىرلىق بولۇپ كەلگەن . قاتناش راۋاجلانغان, ئۇچۇر ئالاقە كېڭەيگەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا كۆپ ساندىكى خىتايلار ئۇيغۇر ئېلى ھەم ئۇيغۇر ئېلىنى چۈشەنمەيدۇ؟ بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانساق شۇنداقلا خىتايدىكى نۇرغۇن تور بەتلەرگە ئۇيغۇر ياكى شىنجاڭ دېگەن سۆزنى چېكىپ ئىزدەيدىغان بولساق"شىنجاڭلىقلار ئوغرى ، ئۇلار زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدۇ، ئۇلار مەدەنىيەتسىز ، ياۋايى دېگەندەك كەمسىتىلگەن كۆز قاراش ۋە پىكىرلەرنى ناھايىتى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ ؟ ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنىڭ خۇنۇكلىشىشىگە سەۋەپ بولغان ئامىل خىتاي ئۆلكىلىرىدە جىنايى يوللارغا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ ؟ ياكى باشقىمۇ؟
بۇ بىرلا رەنانىڭ ھېكايىسى ئەمەس
15 - ئاۋغۇست خىتايدىكى نەنفاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتىدە 14 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ شېنجېن شەھىرىگە ئالداپ ئاپىرىلىپ ئوغرىلىققا مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر بېرىلدى . مۇخبىرنىڭ تەسۋىرلەش ئۇسلۇبىدىنلا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئانچە چوڭقۇر چۈشەنچىدە ئەمەسلىكى كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ ، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ يازغان رەنانىڭ ھېكايىسىدىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ قىسمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئاشكارلىنىدۇ.
خەۋەرنىڭ بىرىنچى جۈملىسىلا ئۇ قىزنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ باشلانغان بولۇپ "ئەمدى ئوغرىلىق قىلغۇم يوق ،ئۆيۈمگە قايتىپ ئاپامنىڭ لەغمەن ئېيتىشىغا ياردەملىشىمەن" دەپ يېزىلغان . شۇنداقلا ئاقسۇدىن ئالدىنىپ شېنجىنغا كېلىپ يانچۇقچىلىققا مەجبۇرلانغان 14 ياشلىق رەنانىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ ئاقسۇدىن كەلگەن بولۇپ دادىسى ھەر قايسى ئۆلكىلەر ئارىسىدا قاتناپ يۈرۈپ كاۋاپ ساتىدۇ ، ئاپىسى ئۆيدە لەغمەن ئېتىدۇ. بۇ يىل بىرىنچى ئايدا ئاتا ئانىسى ئۇنى شېنجىندا ئوقەت قىلىۋاتىمەن، ماڭا بىر بالا باققۇچى كېرەك دەپ كەلگەن بىر تونۇشىغا قوشۇپ قويغان. رەنا بۇ كىشى بىلەن شېنجىنغا كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر ئالدامچى ئىكەنلىكى، بالا بېقىشقا ئەمەس يانچۇقچىلىق قىلىشقا ئالدىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلگەن.
ئۇ شېنجىندا ئوغرىلىق قىلىپ ئۈچ ئاي بولغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان بولسىمۇ16 ياشقا توشمىغانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن، بۇ چاغدا رەنا ئۆزىنى ئۇنىڭ يۇرتلۇقى دەۋالغان بىر ئادەم تەرىپىدىن ساقچىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇ بۇ كىشى تەرىپىدىن تېخىمۇ قاتتىق خورلۇققا ئۇچرىغان. كۈنىگە ئىلگىرىكى خوجايىنغا 1000 يۈەن ئوغرىلاپ تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلانغان بولسا ، بۇ كىشى ئۇنى 2000 يۇەن تاپشۇرىسەن دەپ مەجبۇرلىغان، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىغاندا قاتتىق تىل، ئاھانەت ئاڭلىغان ۋە تاياقمۇ يىگەن.
بۇ قىز يېقىندا شېنجىندا ئوغرىلىق قىلىۋاتقاندا شېنجىندىكى ساقچىخانىغا يەنە كىرگەن. بۇ قېتىم ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ رەنانى دادىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش ئالدىدا ئىكەن. مەزكۇر خەۋەر گەرچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر قورامىغا يەتمىگەن قىزنىڭ سەرگۈزەشتىسى بولسىمۇ ئەمما بۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قىسمەت.
ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى....
خىتاينىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىگە تارالغان ئوغرىلىق, يانچۇقچىلىق ھەمدە زەھەر سېتىش قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر كەلگۈسى ئەۋلادلارغا زىيانكەشلىك يەتكۈزۈپ ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇپ, ناشايان ئىشلار بىلەن ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆككەندىن باشقا خىتايلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرمەكتە دەپمۇ قارالماقتا.
مەن شېنجىندا بايقالغان رەنا ھەققىدە يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدەش تور بەتلىرىگە ئۇيغۇر يانچۇقچى بالا دېگەنگە ئوخشاش سۆزنى كىرگۈزگىنىمدە بىر قانچە يۈز خىتاي تورىدىن ئۇلىنىش چىقتى . مەزكۇر تور بەتلەر ئارىسىدا ياخۇ، سوخۇ، تودوۋ دېگەنگە ئوخشاش داڭلىق تور بەتلەرمۇ بار ، بۇلاردا مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يانچۇقچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس ئۇچۇر ھەم مۇلاھىزىلەر ھەتتا شىنجاڭلىق ئوغرىلاردىن ئاگاھ بولۇڭلار دېگەن تېمىدا مەخسۇس سۆھبەتخانىلار ئېچىلغانلىقى بايقالدى. بۇنىڭدىكى خىتايلارنىڭ ئېلىپ بارغان مۇلاھىزىلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسىنى تەكىتلىمىسمۇ ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئايان بولسا كېرەك . ئۇچۇر يوللىغۇچى ھەم مۇلاھىزە يۈرگۈزگۈچى خىتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى " بۇ ئۇيغۇرلار ھەممىلا يەردە ئوغرىلىق قىلىدۇ ، ئۇلارنى كۆرگەنلا يەردە ئۇرۇپ يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىش كېرەك" " بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئوغرى, يانچۇقچى, زەھەر چېكىدۇ ، ئەيدىز تارقىتىدۇ" دېگەندەكلەرنى يازغان. ئاشۇ كۆرگەن بىر قانچە ئوغرى بالىلارغا قاراپلا پۈتۈن ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق ئوغرى ، مەدەنىيەتسىز، ياۋايى دەپ باھالار بېرىشكەن" ھەتتا ھەددىدىن ئاشقانلىرى " بۇ ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگۈتۈش كېرەك" دېگەندەك غەزەپلىرىنى ئىپادىلەشكەن.
ناھەق جەمئىيەت، بۇرمىلانغان كۆز قاراش
بۇلاردىن خىتايلاردا ئۇيغۇر ھەم ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشنىڭ، كەمسىتىشنىڭ ئېغىرلىقى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما ھەر قانداق ئۇيغۇر تور بېتىدە خىتايلارنى بۇ يوسۇندا كەمسىتىش ياكى ھاقارەتلەش چەكلەنگەن ھەتتا خىتاي دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشمۇ قاتتىق چەكلەنگەن بۇنىڭ ئۆزىدىنلا بىر باراۋەرسىزلىك ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
ھالبۇكى خىتاي تور بەتلىرىدە ئۇيغۇرلار يۇقىرقىدەك ئېغىر كەمسىتىلگەن قاراشلاردىن باشقىمۇ پىكىرلەرنى ئاندا مۇندا ئۇچرىتىش مۇمكىن . يەنى سېلىشتۇرما ھالدا مەلۇم بىر خىتاي قىزنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىلوگدا " ئۇيغۇرلار ۋە ئورۇن بېرىش" دېگەن تېمىدا يازغانلىرىنى مىسال ئالساق .ئۇ قىز مۇنداق بىر ئاددى ۋەقە ئارقىلىق خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئوبرازى ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ مۇنداق يازىدۇ ":بىر كۈنى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم .دوستۇمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇزۇن يىل شىنجاڭدا تۇرغان بولۇپ ،نەنجىڭ كىشىلىرىنىڭ ئورۇن بوشىتىش مەسىلىسىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق .دوستۇمنىڭ دادىسى' % 90 نەنجىڭلىق ئورۇن بوشاتمايدىكەن .بىراق شىنجاڭدا بولسا ئەكسىچە % 10 پىرسەنتىلا ئادەم ئورۇن بۇشاتمايدۇ" دېدى .مەن ھەيران قالدىم ۋە دەرھاللا مەن ئاپتوبۇستا ياشانغانلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىمەن دېسەم ، دوستۇمنىڭ ئانىسى بۇ قىسمەن ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ،ئۆزىنىڭ بىر قېتىم ئاپتوبۇستا بىر ياشانغان ئادەم ئاپتوبۇسقا چىققاندا ھېچكىمنىڭ ئورۇن بۇشاتمىغانلىقىنى ،كېيىن ئۇ ياشانغان ئادەمنىڭ ئۆزىدىنمۇ قېرى بىرىگە ئورۇن بوشىتىپ بەرگەنلىكىنى، ئەگەر شىنجاڭدا بولسا قېرىلار ئاپتوبۇسقا چىقسا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئورۇن بوشىتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ تەشەببۇسكار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
بۇلارنى ئاڭلاۋېتىپ بەكمۇ ھەيران بولدۇم . بىز نەنجىڭدە ئۇيغۇرلارنى يانچۇقچى بىلەن باغلاپ چۈشىنىمىز .بىراق شىنجاڭدا ؟"
ئۇيغۇرلاردا تەربىيە ....
دوستۇمنىڭ ئاپىسىنىڭ دېيىشىچە ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ، كىشىلەر كەچتە ئىشىك تاقىمايدىكەن . چۈنكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئوغرىلىق قىلمايدىكەن . نەنجىڭدە ئوغرىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار بولسا ئالداپ ئەكىلىپ سېتىۋىتىلگەن بولۇپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يۈتۈپ كېتىشىدەك ئەھۋال تولىمۇ ئېغىر ئىكەن .شۇڭا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئىزدەۋېتىپتۇ . ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئوغرىلىقنى ئۆگەتكەن يەنىلا ئاشۇ دېڭىز بويىدىكى بىر قىسىم خەنزۇلار ئىكەن . شۇڭا گۇناھنى بالىلارغا قۇيۇش خاتا ئىكەن .چۈنكى ئىسلام دىنىدا ئوغرىلىق قىلسا قولى چانىلىدىغان بولۇپ ، بالىلار بۇنى بىلمەي ئۇلارنىڭ ئۆگەتكىنى بۇيىچە قىلىدىكەن . شۇڭا گۇناھنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئادەم بېدىكلىرىدە ئىكەن ........
ئويلاپ باقسام ھەقىقەتەن شۇنداق . ئېتىقادى مۇستەھكەم دىندار ھەرگىزمۇ دىنىغا ئاسىيلىق قىلمايدۇ . ئەمما بىز دىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى بولمىغاچقا ، ئەخلاق چەكلىمىسىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ . قانۇن كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز كۈچىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ .شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى سورىشىغا تايىنىدۇ .
نەنجىڭدە ئۇيغۇر بالىلىرى ئوغرىلىق قىلسا ھەممە ئادەم كۆرگەنلا جايدا بىرلىشىپ ئەدىبىنى بېرىدۇ .چۈنكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاشۇ ھەقىقى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ قائىدىلىك ،كوچا ئاپتوبۇسلىرىدا بولسا چوڭ شەھەر كىشىلىرىدىنمۇ بەكرەك ساپالىق ئىكەنلىكىنى بىلىشمەيدۇ . ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىنىڭ مۇشۇ بالىلارنى قان زار يىغلاپ ,ئىزلەۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ .چۈنكى بىز بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىدە . بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىلغار شەھەر ئەسلىھەلىرىدىن ،مەدەنىيىتىمىزدىن، ئىلغار تەربىيە كۆرگەنلىكىمزدىن پەخىرلىنىپ يۈرىمىز. بىراق بىزدە چوڭلارغا ئورۇن بېرىشتەك ئەڭ ئەقەللىي قائىدىمۇ يوق .دوستۇمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نەنجىڭلىقلاردىن 'ئاغرىنىشىنى' ئاڭلاپ نېمە دېيىمىشنى بىلەلمىدىم ."
نەنجىڭلىق خىتاي قىزنىڭ سەمىمىي بايانلىرىدىنمۇ خىتايلاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان قاراشنىڭ قايسى دەرىجىدە بۇرمىلانغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بەزىلەر بۇنى شۇ ئالدىنىپ ئوغرىلىققا سېلىنغان بالىلاردىن ياكى ئادەم بېدىكلىرىدىن كۆرۈدۇ، ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىسىدىن ھەم جەمئىيەتتىن كۆرۈدۇ، بۇ مەسىلىدە جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردىمۇ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت.
ئاساسلىق ئامىل -خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە خىتاي مىللەتچىلىكى
خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالدىنىپ سېتىلىپ ۋە باشقا سەۋەبلەردىن بېرىپ ئوغرىلىققا مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقوق فوندىنىڭ خادىمى رۇقىيە خانىم خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن پەيدا بولغان كەمسىتىش كۆز قاراشلىرىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (گۈلچېھرە)