ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا بېرىلگەن ۋەدە


2008.02.14

Ertekin-Exmetjan-150.jpg
مۇزەپپەر ئەريىلماز ئەپەندىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەخمەتجانغا كىتاب دەپتەر سوغات قىلىۋاتقان سۈرەت. سۈرەت: ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىدئىن ئېلىندى. RFA / Erkin Tarim

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىدا `باشلىق ۋەدە بەردى` ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى. گېزىتنىڭ 1-بېتىدە يەر بېرىلگەن خەۋەردە ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ رايونلىرىدىن بىرى بولغان چانقايا رايونىنىڭ باشلىقى مۇزەپپەر ئەريىلماز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ ئەنقەرە گازى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋە بۇ مەۋسۇمىدە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئەرتېكىن ئەخمەتجاننى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلىغانلىقى، خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئەرتېكىن ئەخمەتجانغا ئوقۇش ھاياتى بويىچە ئوقۇش پۇلى ۋە كىتاب دەپتەر ياردىمى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكى يېزىلغان. خەۋەرنىڭ ئۈستىگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەخمەتجانغا كىتاب دەپتەر سوغات قىلىۋاتقان رەسىمگە يەر بېرىلگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن:"چانقايا رايونى باشلىقى مۇزەپپەر ئەريىلماز ئەپەندى، تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر تۈركى ئەرتېكىن ئەخمەتجانغا ئوقۇش ھاياتى بويىچە ئوقۇش پۇلى ۋە ھەر خىل ياردەملەرنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. رايون باشلىقى ئەريىلماز ئەپەندى، 'ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتايدا قېيىن ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن قېرىندىشىم ئەرتېكىن ئەخمەتجانغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز،' دېدى."

بىز بۇ ھەقتە شۇنداقلا تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوقۇغۇچى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش سېكرېتارى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.