توقسۇندا 518 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى قىسقارتىلماقچى

تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تور بېتىگە ئۆتكەن ھەپتە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رىقابەتلىشىپ شتاتقا ئورۇنلىشىشى ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى. ئۇقتۇرۇشتا ناھىيىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 8 - نويابىردىن قالماي شتاتقا تاللاش سەۋىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشى كېرەكلىكى يېزىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010-11-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2006 - ﻳﯩﻠﻰ 13 ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﻩ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
2006 - ﻳﯩﻠﻰ 13 ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﻩ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

ناھىيىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئارقىسىغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ناھىيىدىكى ئەسلى شىتاتلىق ئىككى مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردىن ئېمتىھان ئېلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ 518 ىنى قىسقارتىشتەك پىلانى يوشۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

توقسۇن ناھىيىسىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن، توقسۇن ناھىيىسىدە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار، ھۆكۈمەتنىڭ شتات قىسقارتىش پىلانى بويىچە ئوقۇتۇش سېپىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئوقۇتقۇچىلاردا بۇ ھەقتە نارازىلىق ئىنكاسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ سىياسىي بېسىمىنىڭ كۈچلۈكلۈكى سەۋەبىدىن ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ناھىيىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، توقسۇن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتى ھەمدە مائارىپ تور بېتىدە 25 - ئۆكتەبىر، مەزكۇر ناھىيە بويىچە بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى كەسپىي سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان. ئۇقتۇرۇش چىقىرىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ناھىيە كادىرلىرى،بارلىق باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ مەسئۇللىرىنى يىغىنغا چاقىرغان. يىغىندا توقسۇن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شاراپەت تۇرسۇن ئېمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئۇقتۇرغان يەنى، "توقسۇن ناھىيىسى مائارىپ سېپىدە رىقابەتلىشىپ شتاتقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىلانى" نامىدىكى ئىچكى ھۆججەتنىڭ روھىنى يەتكۈزگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ "شتات قىسقارتىش قىزىل ھۆججىتى" دە كۆرسىتىلگەن بويىچە، 518 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنى شتاتتىن ئايرىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چوقۇم ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، پىلاننىڭ ۋاقتىدا نەتىجىلىك ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئوقۇتۇشىنى كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىنى قويغان.

ئارقىدىن ھەر قايسى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا يىغىن ئېچىلىپ رىقابەتلىشىپ شتاتقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى ھۆججەت مەزمۇنى يەتكۈزۈلگەن ھەمدە 8 - نويابىردىن قالماي بۇ رىقابەتكە چۈشۈش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتلىكى ئۇقتۇرۇلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىمتىھاندىن كېيىن 500 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىسقارتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە ناھىيىدىكى مائارىپ سىستېمىسىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق ھەم غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، بىز توقسۇن ناھىيىسىدىكى بىر قانچە مەكتەپكە تېلېفون قىلدۇق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر قانچە ئوقۇتقۇچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ شتات قىسقارتىش پىلانىغا ئىنتايىن نارازى بولسىمۇ،ئاۋازىنى چىقىرىشتىن ۋە شۇ سەۋەبلىك بۇ قېتىمقى قىسقارتىلىش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ ئاۋازىنى ئاڭلاتماسلىقىمىزنى ئۆتۈندى. بىراق، ھەقىقەتەن بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە توقسۇن مائارىپىغا كەلگۈسى بۇ بالا - قازادىن قانداق ساقلىنىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارىدا، توقسۇن ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقانلىقىغا 30 يىلدىن ئاشقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئۆز كەسىپداشلىرى بۇنداق ناھەق ۋە كەسكىن شاللاشقا ئۇچراۋاتقان پەيتتە يەنە سۈكۈتتە تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى.

بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن توقسۇن مائارىپ ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق، توقسۇن مائارىپ ئىدارىسىدىن تېلېفوننى ئالغان كادىر، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىسقارتىلىشىغا دائىر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

توقسۇن ناھىيىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياش ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقسۇن ناھىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قەدەر چوڭ ناھىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 2000 - يىلىدىكى ىستاتىستىكىغا قارىغاندا بۇ ناھىيىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە كەسپى مەكتەپلەرنى قوشقاندا 50 مەكتەپ ھەم ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى بار بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ مەكتەپلەرنىڭ كۆپ قىسمى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى بويىچە خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن 24 مەكتەپكە قىسقارغان. شۇنداقلا بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بىر قانچە قېتىم ئوقۇتقۇچى قىسقارتىش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بۇ قېتىم 518 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنى بىراقلا قىسقارتىشى ئەڭ زور كۆلەمدىكىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردا بىردەك نارازىلىق كۈچلۈك بولۇپ، بۇ قېتىمقى شاللىنىشنىڭ ئالدىنى توسۇپ قېلىش يولىدا ئۇلار ئوخشىمىغان يوللارنى ئىزدىمەكتە. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەمما ئاۋازىنى ئاڭلىتىشىمىزنى خالىمىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەيپىياتىدىن، توقسۇندىكى مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك جىددىي ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت