ئۇيغۇرلار قانداق باشقۇرۇلىۋاتىدۇ؟ ‏--- بىر " نەمۇنىچى" نىڭ ئېيتقانلىرى


2007.11.02

سوتسىيالىستىك مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى،خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدە 50 يىلدىن بېرى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئىككى چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى. دىڭ شىاۋپىڭ دەۋرىدە " 4 تە گۈزەل، 3 تە مەدەنىيەتلىك بولۇش" جياڭ زېمىن دەۋرىدە " ئۈچنى قىزغىن سۆيۈش،" خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە بولسا " سەككىز ئىشنى نومۇس بىلىش" قاتارلىق ھەر خىل ناملار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇش، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قانداق بىر ئىنسان تىپىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى؟ بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار بۈگۈن قانداق باشقۇرۇلىۋاتىدۇ؟ بۇ سوئالغا، مەكىت ناھىيىسىدىكى بىر نەپەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز، بىر نۇقتىدىن جاۋاپ بولالايدۇ.

ئۇيغۇر دىخانلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق نالىسى. بۇ سىن - ئالغۇ You tube دىن ئېلىندى.

" كوجاڭلار كەتتى، تۇققانلىرى يەرلەشتى"

قاسىم رېھىم مەكىت ناھىيىسىدىكى ئۈلگىلىك بىر كومپارتىيە ئەزاسى، ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق باغۋەنچىلىك مەيدانىنىڭ باشلىقى، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەرياندا كۆرسەتكەن ئەڭ چوڭ خىزمىتى: خىتاي كۆچمەنلىرىگە كەڭ قۇچاق ئېچىش.

ئۈلگىلىك كومپارتىيە ئەزاسى قاسىم رېھىمنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى، يېقىندا، ياپونىيىلىك بىر مۇخبىر تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغان دېھقانلارنىڭ شىكايەتلىرى قەتئىي رەت قىلىدۇ.

دېھقان: سۇنى پۇلغا سېتىۋالىمىز، ھاشارغا بىكارلىق ئىشلەيمىز

قاسىم رېھىمنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشى ياخشى دېگەن قارىشىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىن يېقىندا چىققان، ھازىر گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سادىق تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىمۇ ئىنكار قىلىدۇ.

ئەگەر، قەشقەر دېھقانلىرى بىلەن سادىق تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتقانلىرى راست دەپ قارالسا، ئۇ چاغدا قاسىم رېھىمنىڭ سۆزلىگەنلىرى يالغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە، تارىخنىڭ پۈتۈن باسقۇچلىرىدا، يالغان سۆزلەش ئەخلاقسىزلىق سانىلىدۇ؛ قانۇن بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردە، يالغان سۆزلەش بىرەر شەخس ياكى كوللىكتىپقا زىيان كەلتۈرسە، سوتقا تارتىلىپ جازالىنىدۇ؛ ئەمما قاسىم رېھىم، مەيدان باشلىقى قىلىپ ئۆستۈرۈلگەن، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەز تەرىپىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى قىلىپ تەقدىرلەنگەن.

قاسىم رېھىم: پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى تەڭ تەشۋىق قىلايلى

كىشىنى ئويغا سالىدىغىنى، قاسىم رېھىم دۇنيادىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز، ئۇ دۇنيادىكى بارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات قورالى دەپ چۈشىنىدۇ، بارلىق مۇخبىرلارنى كومپارتىيىنىڭ تەشۋىقاتچىسى دەپ بىلىدۇ، دۇنيادا ھېچقانداق پارتىيە ‏- ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرى يوق.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ %90 ى دېھقان، دېمەك ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۈگۈن ئونمىڭلىغان قاسىم رېھىملار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىۋاتىدۇ، ئەگەر بىر جەمئىيەتنىڭ مۇشۇ خىل لاياقەتسىز كىشىلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشى ئادالەتسىزلىك ياكى شۇ جەمىيەتكە زىيانكەشلىك ھېسابلانسا، بۇ يەردىكى مەسئۇلىيەت كىمدە؟

قاسىم رېھىم تىپىدىكى كىشىلەردىمۇ ياكى مۇشۇ خىل تىپنى ياراتقانلاردىمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئويلىنىشىغا ھاۋالە. بىزنىڭ بۇ يەردە پەقەت يەتكۈزىدىغىنىمىز: ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سوتسىيالىستىك مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن سېلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقىدۇر. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.