خەلقئارالىق قۇرۇلتايدا قاراخانىيلار ھەققىدىكى تېما

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنى مەركەز قىلغان "ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى" تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات ۋە قۇرۇلتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئۇستاز رەھمەتۇللا ئانايەتۇللا تۈركىستانىنىڭ رىئاسەتچىلىكىدە " ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى" ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009-04-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى

بۇ كىتاب 400 بەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ھەجىملىك كىتاب. 2006 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە "دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى" تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكېك شەھىرىدە خەلقئارا لىق قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرۇلتايغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان، ئەزەربەيجان، تاتارىستان، مونغولىيە، رۇسىيە ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن، شۇنداقلا خىتايدىن ۋەكىللەر قاتناشقان. بۇ كىتاب دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ، مەزكۇر قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلغان ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ تەييارلىغان ئىلمى ماقالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كىتابنىڭ مەزمۇنى

كىتابتا ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تارقىلىشى، ئەدەبىيات، تىبابەت، پەلسەپە، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى ۋە باشقا ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىدە ئىسلام دۇنياسىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا داڭقى چىققان تۈركىستان ئۆلىمالىرىدىن ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم، فارابىي، ئىبنى سىنا، خارەزمى، سەرەخسىي، ئەبۇ لەيس سەمەرقەندىي، نەسەفىي، ئىمام تىرمىزى،زەمەخشەرىي ۋە باشقىلارنىڭ ئەمگەكلىرى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان، ماۋارائۇننەھر ئالىملىرىنىڭ ئىلىم ۋە ھازارەتتىكى ئۇنتۇلماس تۆھپىلىرى بايان قىلىنغان، يەنە بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. شۇنداقلا قىرغىز خەلقىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ تەسۋىرىدىكى قىرغىزىستان قىشلاقلىرىنىڭ دىنىي ساھەدىكى ئەھۋالى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. كىتابنىڭ ئاخىرقى بۆلۈمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتورا ئاسىيادا ھۆكۈمرانلىق قىلغان قاراخانىيلار خانلىقىنى ۋە شۇ زامانلاردا ئۆتكەن مەشھۇر ئالىملاردىن مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرغان.

قاراخىيلار خانلىقى ۋە شۇ دەۋرلەردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملىرى

كىتابنىڭ بۇ بۆلۈمىدىكى " تۈركىستاندىكى قاراخانىيلار .. ئۇنتۇلغان تارىخ ۋە قېپقالغان ھازارەت" دېگەن ئىلمى ماقالىنى قىرغىزىستاننىڭ بىشكېك شەھىرىدىكى مەھمۇد قەشقىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ "شەرق تەتقىقاتى" بۆلۈمىنىڭ ئۇستازى ۋە مەشھۇر تەتقىقاتچى دوكتور زىياد مۇھەممەد ھەۋاش دېگەن كىشى تەييارلىغان. بۇ ماقالىنىڭ ھەجمى 12 بەت ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىگە ئىسلام دىنىنىڭ كىرىشى، سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كېڭىشى، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ" تۈركى تىللار دىۋانى" ناملىق شانلىق ئەسىرى بىلەن 11 - ئەسىرنىڭ ئۇلۇغ دانىشمىنى، پەيلاسۇپ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ" قۇتادغۇ بىلىك" ناملىق ئەسىرى ناھايىتى ئېنىق ۋە تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان.

"قۇتادغۇ بىلىك" قىسقىچە ھەققىدە بايان

دوكتور زىياد مۇھەممەد ھەۋاش"قۇتادغۇ بىلىك"نى مۇنداق دەپ تونۇشتۇرغان:""قۇتادغۇ بىلىك" 6645 بېيتتىن تۈزۈلگەن ئەسەر بولۇپ، ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت باشلىقىغا ۋە ئومۇم خەلققە ئادالەتنى بەرپا قىلىش ۋە ھەر ئىشتا ھەققانىي بولۇش ھەققىدە نەسىھەتلەرنى قىلغان. "قۇتادغۇ بىلىك" ئىسلام ئەدەبىياتى تارىخىدا ناھايىتى كاتتا بىر مىراستۇر. ئۇ ئىلمىي، تەربىيۋى، ئەخلاقىي ۋە سىياسىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى، ئىجتىمائى ۋە مەدەنىي سەۋىيىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن لگىرىكى تۈرك دۆلەتلىرى ھەققىدە سۆزلەنگەن".

"تۈركى تىللار دىۋانى" ھەققىدە قىسقىچە بايان

دوكتور زىياد مۇھەممەد ھەۋاش "تۈركى تىللار دىۋانى"نى توشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: " ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ " تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق ئەسىرى تۈرك ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى مۇجەسسەم قىلغان نادىر ئەسەر بولۇپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئادەتلىرى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرىنى بايان قىلغان. مەھمۇد قەشقىرى بىزنى قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركىستاننىڭ چېگىرىسى ۋە شەھەرلىرى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە قىلىدۇ. ئۇ خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان ئالىم ئالىم ئىدى. كىتابىدا ئىشارەت قىلىشىچە، ئۇنىڭ تارىخ ھەققىدە يازغان بىر كىتابى بارلىقى ئېنىق. ئەمما ئۇ كىتاب يوقىلىپ كەتكەن، ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق."

قاراخانىيلارنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى

ماقالىدا يەنە قاراخانىيلار بىناكارلىق سەنئىتىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن:" تۈركى خەلقلەر ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئومۇمەن چارۋىچىلىق ۋە كۆچمەن ھاياتىدا ياشايتتى. شۇڭا ئۇلاردا مۇقىملىشىش بولمىغانلىقتىن، ئالاھىدە تىلغا ئالغۇدەك چوڭ ئىمارەتلەر بارلىققا كەلمىگەن، پەقەت ئۇلار مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىردىنلا ئۆزگەردى، ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە ئىقتىسادى ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن مېچىت، مەدرىسە، مەكتەب، ئىدارە، قەسىر قاتارلىقلارنى ناھايىتى تىزلىك بىلەن بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۇنيا بىناكارلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئالدىغا ئۇتۇپ كەتتى. قاراخانىيلار زامانىدىن قالغان ئاسارە - ئەتىقلەر ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ھازارەت ئۈلگىلىرى ئىكەنلىكىگە جانلىق شاھىد بولغان ھالدا ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا. مەسىلەن: قاراخانىيلاردىن ئىلگىرى خۇراساندا ئىسلام ھاكىمىيىتى يۈرگۈزگەن سامانىيلار دەۋرىدە، مېچىتلەرنىڭ مۇنارىلىرى تاختايلاردىن ياسىلاتتى. تاختايلاردىن ياسالغان بۇ مۇنارىلار تىزلا ئوت ئاپىتى ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن بۇزۇلۇشقا يۈز تۇتاتتى. ئەمما قاراخانىيلار مېچىتلەرنىڭ مۇنارىلىرىنى ۋە قەسىرلەرنى كىرپىش بىلەن ھاكتىن ياساپ چىققانلىقتىن، بۇ مۇنارىلەر تا ھازىرغىچە بۇزۇلمىغان ۋە قاراخانىيلار بىناكارلىق مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ھالدا داۋام قىلماقتا. قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋە بالاساغۇندىكى 11 - ئەسىرلەرگە ئائىت مۇنارىلەر، بۇخارا ۋە سەمەرقەند شەھەرلىرىدىكى تارىخىي مۇنارىلەرنىڭ ھەممىسى قاراخانىيلارنىڭ بىناكارلىق مەدەنىيىتىدە نەقەدەر تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا." 


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت