رۇسىيە قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىغا ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلماقتا


2008.02.25

مىلادى 8-ئەسىردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قاغانى مۇيۇنچۇر تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان، كېيىن نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇپ كەتكەن مەزكۇر قەلئە تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان تېرە كۆل دەپ ئاتالغان كولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئارالغا جايلاشقان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى رۇسىيە ئالاھىدە ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەزكۇر قەلئە ئۈستىدىن ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەمدە ئۇنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش پىلانى تۈزۈلۈپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن پرېزىدېنت پۇتىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەتتا، پرېزىدېنت پۇتىن ئۆتكەن يىلى بۇ يەرنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلغان ئىدى.

20-فېۋرال كۈنى موسكۋادىكى پور-باجىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسى مەدەنىيەت فوندى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلىپ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى مەزكۇر پىلانغا قاتنىشىشقا چاقىردى. قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، دوكتور ئابلىز ئابدۇللايېۋ ئەپەندى موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىلەر ئوز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ موسكۋاغا بېرىپ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىپ قايتقان دوكتور ئابلىز ئابدۇللايېۋ ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.