
ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۇيغۇرلار بىردەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلە.
ھازىرغىچە، بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك ئورگان ھەمدە بەزى كىشىلەردىن ۋاسىتىلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن بولساقمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشى ھەمدە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشلەمچىلىككە ئالغان خىتاي زاۋۇتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمەسلىكىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى ئىشلەمچى قىزلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە ئورنىتىش مۇمكىن بولماي كەلگەن ئىدى.
مۇخبىرلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئېرىشكەن، مەلۇم زاۋۇتنىڭ تېلېفون نومۇرى ئۇلاندى. ھەم، ئىككى ئۇيغۇر قىز بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مۇيەسسەر بولدۇق.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە بارغان ئىككى ئۇيغۇر قىز بىلەن ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.