خىتايدا خارلانغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ بايانى


2007.04.30

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ ئۇيغۇر قىز 'بەش يۈز يۇئەن مائاش بېرىلىدۇ' دەپ ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە ئالداپ كېتىلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ تانسىخانىسىغا سېتىۋىتىلگەن. "مەن خارلاندىم" دەپ جاكارلىدى بۇ ئۇيغۇر قىزى.

بۇ ئۇيغۇر قىز خىتاينىڭ تانسىخانىسىدا جىنسى مۇلازىمەتكە زورلانغان

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇر قىزنىڭ بايانىغا قارىغاندا، بۇ ئۇيغۇر قىز خىتاينىڭ تانسىخانىسىدا جىنسى مۇلازىمەتكە زورلانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىغا چىدىماي، خىتاي ساقچىلىرىغا شىكايەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭغا ياردەم بەرمىگەن.

بۇ ئۇيغۇر قىزنى بىر ئۇيغۇر يىگىت قۇتقۇزغان

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ بايانىغا قارىغاندا، خىتاي تانسىخانىسىنىڭ خوجايىنى بۇ ئۇيغۇر قىزنىڭ قولىغا پۇل بەرمىگەن ۋە سىرتقا چىقارمىغان.

بۇ ئۇيغۇر قىز خىتايچە تىل بىلمىگەچكە ھەم چوڭ شەھەرنىڭ يوللىرىنى بىلمىگەچكە، خارلىنىۋاتقان جايدىن قېچىپ كېتەلمىگەن. ئاخىر، بۇ ئۇيغۇر قىزنى بىر ئۇيغۇر يىگىت قۇتۇلدۇرغان.

خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىدە مۇشۇنداق خارلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى يەنە بار

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇر قىزنىڭ بايانىغا قارىغاندا، بۇ ئۇيغۇر قىز ھازىر خىتاي شەھەرلىرىدە ئۇششاق تىجارەت بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھېمايىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ ھازىر خارلانمايدۇ ھەم تۇرمۇشىدا قېيىنچىلىق يوق.

ئەمما بۇ ئۇيغۇر قىز ئۇز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشتىن قورقىدۇ. خىتايلار بىلەن 'خىزمەت دوگۋارى' تۈزۈپ ئىچكىرىگە كەلگەندىن كېيىن، مۇشۇنداق شەكىلدە خارلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى باشقا خىتاي شەھەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى يۇشۇرۇپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.

بۇ مەزمۇنلارنى ئەمدى شۇ قىزنىڭ ئۆز ئاغزىدىن، يۇقۇردىكى ئۇلۇنىشتىن ئاڭلاڭلار. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.