ئايروپىلان لايىھىلەش كەسپىنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر قىزى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.24
2008.06.24
ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺭ ﻓﻪﺭﻫﺎﺕ.
RFA Photo / Erkin Tarim
بۇلاردىن بىرى بۇ يىل تۈركىيىنىڭ تونۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئالىي نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرگەن ئىپار فەرھات. ئىپار فەرھات 1984 - يىلى خوتەندە تۇغۇلغان بولۇپ، 1992 - يىلى 8 ياش ۋاقتىدا ئاتا ئانىسى بىلەن بىللە تۈركىيىگە كېلىپ ماكانلاشقان.
باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئۆزى كىچىكىدىن تارتىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، ئايروپىلان لايىھىلەش كەسپىگە ئۆتكەن. بۇ يىل بۇ بۆلۈمنى ئالىي دەرىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا ئۆتكەن. ئۇ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قانداق قولغا كەلتۈردى؟
بىز ئىپار فەرھات بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.









