ئۇيغۇرلار قورچاق ئەمەلدارلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ ؟

0:00 / 0:00

22 ‏- يانۋار ئاخىرلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ‏-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 ‏- ئومۇم يىغىنىدا تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرى ھوقۇق تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقىدا، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى جېنىنى قوغدىغاندەك قوغدايدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى بولسا، ئۆزىنىڭ كۆز قارچىغىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۇر بەكرىنىڭ مەزكۇر نۇتقى ئۈستىدە توختالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قورچاق رەئىسلەر تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر خەلقى خىتاي كومپارتىيىسى تەيىنلىگەن قورچاق ئەمەلدارلاردىن نېمىلەرنى ئۈمىد قىلىدۇ ؟

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئالىي مەلۇماتلىق بولغان، ئاتوم تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى زۇھرۇللا ئەپەندى بىلەن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە قۇلاق سالغايسىلەر.