رەسسام مەرۋايىت ھاپىز بىلەن ئۇيغۇر رەسسامچىلىقى توغرىسىدا سۆھبەت

0:00 / 0:00

گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشايدىغان مەرۋايىت ھاپىز خانىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەسساملار ئىچىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتكارلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ياۋروپا ئەللىرىدە كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۆزگىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىنىڭ غەرب ئەللىرىدە تونۇلۇشىغا مەلۇم تۆھپىلەرنى قوشقان.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئۇ مۇخبىرىمىز ئەركىن بىلەن ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە ئىجادچانلىقى، دېگەن تېمىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ مەزكۇر پروگراممىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.