'ميۇنخېن زامانداش رەسساملار كۆرگەزمىسى' دە مەرۋايىت خانىم

28 - ئاۋغۇست ميۇنخېندا ئېچىلغان "ميۇنخېن زامانداش رەسساملار كۆرگەزمىسى"گە ئۇيغۇر رەسسامى مەرۋايىت خانىمنىڭ ماي بوياق رەسىملىرىمۇ تاللانغان. مەلۇم بولۇشىچە، "ميۇنخېن زامانداش رەسساملار كۆرگەزمىسى" 1886 - يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا رەسىم ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىنغان بىر قەدەر چوڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.09.01
Ressam-Merwayit-xanim-we-bowaylar-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻰ ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ "ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻦ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺵ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻼﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﺴﻰ"ﮔﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ "ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ" ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﭘﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسامى مەرۋايىت خانىنىڭ "يىپەك يولدا كارۋان" تېمىسىدىكى ئىككى پارچە رەسىمى قويۇلغان ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن.

بۇ ھەقتە، رەسسام مەرۋايىت خانىم بىلەن مەزكۇر كۆرگەزمە ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي قاراشلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
Ressam-Merwayit-xanim-we-bowaylar-1-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻰ ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ "ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻦ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺵ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻼﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﺴﻰ"ﮔﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ "ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ" ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﭘﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مەرۋايىت خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.