0:00 / 0:00

ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسامى مەرۋايىت ھاپىز، نەتىجە قازانغان ئۇيغۇر رەسساملىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئېلىدە زور شۆھرەت قازانغان ئىدى.
مەرۋايىت خانىم 1996 - يىلى گېرمانىيىگە كەلگەندىن بۇيان ياۋروپا سەنئەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ميۇنخېن شەھىرىدە رەسساملىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ مۇشۇ جەرياندا كۆپ قېتىم ميۇنخېندىكى داڭلىق گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمەخانىلىرىدا شەخسىي كۆرگەزمە ئاچقان ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئېچىلغان كۆرگەزمىلەرگە تەكلىپ بىلەن ئەسەر قاتناشتۇرغان.
تۆۋەندە مەرۋايىت خانىم بىلەن ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.