ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرى " خىتاي مەدەنىيەت ھەپتىلىكى" ئۈچۈن شىۋېتسىيەگە يېتىپ كەلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىۋېتسىيە ،نورۋېگىيە ،گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزىلىدىغان خىتاي مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئويۇن كۆرسۈتۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر داڭلىق ناخشا ئۇسۇل ئارتىسلىرىدىن دىلنار ئابدۇللا، ئامانگۈل سىدىق قاتارلىق 33 كىشىدىن تەشكىل قىلغان سەنئەت ئۆمىكى ، 4 - سېنتەبىر شۋېتسىيىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار 5 - سىنتەبىردىن باشلاپ پائالىيىتىنى رەسمىي باشلايدۇ.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئۆمەكنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان شىۋېتسىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق ياۋرۇپا ئەللىرىگە تەشۋىقات ئۈچۈن ئەۋەتىشى، مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى سىلەرگە سۇنىمىز.