يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تۈركىئولوگى ۋە قەدىمىي ئەسەرلەر تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رەسسامچىلىقى ۋە بەدىئىي ئەسەرلەر ئىجادىيىتىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى تەنقىد قىلدى.
قاھار بارات بۇ سەنئەت ژانىرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان خائىشلارنىڭ قېلىپلىشىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، غازى ئەمەتنىڭ " مۇقام" دېگەن رەسىمى ئۇيغۇر ياش رەسساملىرىنى خاتا يولغا باشلىغانلىقىنى، مەركىزى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى كېرەم ئابدۇگۈلنىڭ بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قاھار باراتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سەنئەتكارلار بەدىئىي سەنئىتىدە مىللىي خاسلىققا ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئىجادىيلىقىغا سەل قارىماقتا.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا دوكتۇر قاھار بارات بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.