ئۇيغۇر تاماقلىرى قەيسەرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تاماق بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلدى

يېمەك - ئىچمەك بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇر تاماقلىرى قەدىمىي تارىخقا ئىگە. بۇرۇن ئۇيغۇر تاماقلىرى پەقەت خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىلا ياخشى تونۇلغان بولسا، ھازىر ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنيادا تونۇلۇشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.05.19
Turkiyide-tamaq-bayrimi-Uyghur-tamiqi-Qeyseride-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﺟﯩﻴﻪﺱ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﻠﻜﺘﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺧﻪﻳﺮﯨﮕﯜﻝ ﺧﺎﻧﯩﻤﻼﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ "ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻰ"ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئۇيغۇر تاماقلىرى ئۈچ كۈندىن بۇيان تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تاماق بايرىمىدا كۆرسىتىلمەكتە. مەزكۇر تاماق بايرىمىغا تۈركىيىنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن كەلگەن كىشىلەر قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار كومىتېتىنىڭ باشلىقى رابىيە ئىلكتۈرك خانىم ۋە مۇئاۋىن باشلىقى خەيرىگۈل خانىملار قاتناشتى.

5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ تاماق بايرىمىغا 31 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئۇيغۇرلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇشتۇرماقتا. ئۇلار، 3 كۈندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ پولۇ، مانتا، ھورنان، لەغمەن، قورۇما چۆپ ۋە كاۋاپ قاتارلىق يېمەكلىرىنى ساتماقتا. ئۇلار يەنە، بۇلاردىن باشقا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى چۈشەندۈرمەكتە .
Turkiyide-tamaq-bayrimi-Uyghur-tamiqi-Qeyseride-1-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﻠﻜﺘﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺧﻪﻳﺮﯨﮕﯜﻝ ﺧﺎﻧﯩﻤﻼﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ "ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻰ"ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىم ئەپەندى ھەم ئۇيغۇر تامىقى يەۋاتقان خېرىدارلار مەزكۇر پائالىيەت ۋە ئۇيغۇر تاماقلىرى ھەققىدە توختالدى.

تاماققا ئېغىز تەككەن خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ھالدا ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ بەكلا تەملىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.