ئۇيغۇر تارىخىدىن كەلگەن قەھرىمان پېرسوناژ - قارا ئوغلان


2007.07.04

تۈركىيىدە تۈركلەرنىڭ ئەرگەنەكوندىن چىقىپ ھازىرقى تۇپراقلارغا كېلىش تارىخى ئاڭلىتىلغان رىۋايەتلەر ئىنتايىن جىق. بۇ رىۋايەتلەر ئېغىزدىن - ئېغىزغا، ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا ئاڭلىتىلىپ كەلگەن. بۇ رىۋايەتلەردە خۇددى ئۇيغۇرلاردىكى چىن تۆمۈر باتۇرغا ئوخشاشلا قارا ئوغلان، تاركان قاتارلىق قەھرىمان پېرسوناژلار بار بولۇپ، قارا ئوغلان دېسە تۈركىيىدە بىلمەيدىغان كىشى يوق. ھەتتا تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرلىرىدىن بۈلەنت ئېجېۋىتكە خەلق تەرىپىدىن قارا ئوغلان دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋەر قاناللىرىدىن بىرى بولغان NTV تېلېۋىزىيىسىنىڭ تۈرك قەھرىمانلىرى تېمىلىق پروگراممىسىدا قارا ئوغلان پېرسوناژىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەتتا قارا ئوغلان فىلىمىنىڭ يېقىندا قازاقىستاندا سىنغا ئېلىنىدىغانلىقى دېيىلدى. ئىگىلىشىمىزچە، 1960-يىلىدىن تارتىپ قارا ئوغلان ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ۋە چۆچەكلەر ئاڭلىتىلغان رەسىملىك كىتاپ ئۇدا 7 يىل فرانسىيە، ئالجىرىيە، تۇنىس، ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەردە سېتىلغان ئىكەن.

بۇ رەسىملىك ھېكايە تۈركىيەدىكى چوڭ گېزىتلەردە ئۇزۇن يىللار رەسىملىك چاتما ھېكايە شەكلىدە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان ئىكەن. بىز بۇ قارا ئوغلان پېرسوناژىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ يارىتىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ قەھرىماننىڭ ياراتقۇچىسى بولغان سۇئات يالاز ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشتۇق. سۇئات يالاز ئەپەندى 1932-يىلى تۈركىيەنىڭ قىرشېھىر ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىستانبۇل گۈزەل- سەنئەتلەر ئاكادېمىيىسىنى پۈتتۈرگەن.

ئوقۇغۇچىلىق يىللىرىدا تۈركىيەدىكى گېزىت ۋە ھەپتىلىك ژۇرناللاردا رەسىم سىزغان. 1960-يىلىدا ئاخشام گېزىتىدە يېزىشقا باشلىغان قارا ئوغلان ھېكايىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇرۇپ، تارىخى قەھرىمانلار تەسۋىرلەنگەن كىنولارنى ئىشلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ سۇئات يالاز ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.